ئۇيغۇر رستۇرانلىرى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا قىزىزىق نۇقتا بولدى.

ئۇيغۇر مەسلىسى ۋە ئ‍ۇيغۇر قىرغىنچىلىقى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بىرى،ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق نەرسسى ئاستا-ئاستا سەھنىگە چىقىشقا باشلىدى.ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى مەسلىسنى تونۇتقان بولسا،ئۇيغۇر رستۇرانلىرى -ئۇيغۇر تاماقلىرى ۋە مەدەنىيتىنى تونۇتماقتا.

ئۇيغۇر رستۇرانلىرى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا قىزىزىق نۇقتا بولدى.

 

 

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 9-دىكابىر 

 

ئۇيغۇر مەسلىسى ۋە ئ‍ۇيغۇر قىرغىنچىلىقى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بىرى،ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق نەرسسى ئاستائاستا سەھنىگە چىقىشقا باشلىدى.ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى مەسلىسنى تونۇتقان بولسا،ئۇيغۇر رستۇرانلىرىئۇيغۇر تاماقلىرى ۋە مەدەنىيتىنى تونۇتماقتا.

 

ۋاشنگىتون ھاياتى ئاساس قىلىنىدىغان «دى سى لىقلار » ژۇرنىلى ۋە تور بىتىدە تۈنۈگۈن ئۇيغۇر رستۇرانلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنيتى ۋە ئ‍ۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا ئوينىغان رولى تونۇشتۇرۇلغان.

 

مىرزات سالام،ئارلىڭتۇندىكى بوستان رىستۇرانى ئىگىسى،ئۈرۈمچىدە تېببى ساھەدە  ئوقۇغان بولۇپ 2014-يىلى ئ‍ستانبۇلغا كەلگەن،2019-يىلى پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشۇپ،ئامېرىكا لوس ئانجلسقا كۆچكەن،2021-يىلى ئۆكتەبىردە بوستان رىستۇنىنى ئاچقان.ئۇ مۇنداق دىگەن: «ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھىچكىم بىلمەيدىكەن، مەن رستۇران ئىچىپ،ئەتراپتىكى يەرلىكلەرگە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆزۈمدىن پەخىرلەندىم، رستۇراندىن باشقا،ئ‍شكتىن چىقساقلا، ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىللە بولغۇدەك پۇرسەت ئاز،شۇڭا رستۇران بەك مۇھىم».

 

فاروق دىلشات، غۇلجادىن بولۇپ، 2000-يىلى 13 يېشىدا دى سى غا كەلگەن،فاير فاكستىكى مىم تاماقلىرىنىڭ خوجايىنى،ئۇ مۇنداق دىگەنئۇيغۇر مەدەنىيتىدە، تاماق دىگەنلىك مۇھەببەت دىگەنلىكتۇر،ئەگەر بىرسى سزنى غىزالاندۇرغان بولسا، ئۇ سزنى مۇھەببەت بىلەن غىزالاندۇرغان بولىدۇ،ئۇيغۇرلار كۆپ يېغىلىش قىلىدۇ، ئەگەر بىر يەردە يېغىلىش بولسا،چوقۇم بىرسى تاماق ئەتكەن بولىدۇ»،فارۇق داڭلىق ئۇيغۇر رەسملىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.ئۇ مۇنداق دىگەن: بۇ رەسملەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ،ئۇلار مۇزىكا چېلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلار خوشال بولۇشى ناتايىن.

 

خەمىت كەرىم،غۇلجىدىن،ختتاي ئۇنى 2017-يىلى قارا تېزىملىككە كىرگۈزۈپ قويغاندىن كىين ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن، ئۇنىڭ بىر قىرىندشى 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان،ۋاشنگىتون دى سى ۋە ۋىرگىنيەدىكى دولان رستۇرانىنىڭ خوجايىنى،ئۇ مۇنداق دىگەن:بىز قىين كۈنلەرنى كۆرىۋاتىمىز،بىز بەك كۆپ نەرسنى يوقاتتۇق، مەدەنىيتىمىزنى يوقاتتۇق،كومپارتىيە ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۋاتىدۇ،ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى ئۆلتۈرۋاتىدۇ، مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلىشم كىرەك،مەن كىشلەرنى ئۇيغۇرلانىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتى ھەققىدە تەربيلىشىم كىرەك.ختتايلار منى سۆزلەشتىن توختاتماقچى بولىدۇ،ئەمما مەن توختىمايمەن،چۈنكى بۇ پەقەت مىنىڭ ئائىلەمنىڭلا ئ‍شى ئ‍ەمەس».

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئىتالىيدە ختتاينىڭ 11 مەخپى ساقچى پونكىتى پاش قىلىندى

جۈ دېكابىر 9 , 2022
ئ‍سپانيەدە تۇرۇشلۇق كىشلىك ھوقۇق مۇھاپىزەتچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئىلان قىلغان «تەكشۈرۈش ۋە قايىل قىلىش » ناملىق دوكلاتىدا كۆرستىشچە، ختتاينىڭ ئ‍تالىيدە 11 دانە مەخپى ساقچى پونكىتى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ يەرلىك ئورۇنلارغا ئارىلىششتا ئۇرۇنۇش تاكتىكىلىرى كۆپ خىل ئىكەن

You May Like