تۈركىيەدە خىتاي دۆلەت بايرىمىغا قارشى قىلىنغان نامايىش توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

خىتاي جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى ۋە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 70_ يىلى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىستانبولدىكى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ بۈگۈن يەنى 27_ سىنتەبىر، كەچ سائەت 7دە ئىستانبۇل بېشىكتاشتىكى چىرايان سارىيى كامپىنىسكى مىھمانخانسىدا مىڭ كىشىلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقى ئاشكارە بولدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2019-9-28

تەييارلىغۇچى: سەدەف

 

  خىتاي جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى ۋە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 70_ يىلى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىستانبولدىكى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ بۈگۈن يەنى 27_ سىنتەبىر، كەچ سائەت 7دە   ئىستانبۇل بېشىكتاشتىكى چىرايان سارىيى كامپىنىسكى مىھمانخانسىدا مىڭ كىشىلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقى ئاشكارە بولدى.  بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان نەچچە يۈز ئۇيغۇرلار ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بىرى خەلقىمىزگە سېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك زۇلۇملىرى ۋە نۆۋەتتە ئىلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان   ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىغا قارش نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتاي پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغان مىھمانخانىغا ماڭدى. تۇلىمۇ ئەپسۇسكى  خىتاي تەبرىكلەش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان مىھمانخانىغا بىر كىلومېتىر قالغان ئارىلىقتا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرك ساقچىللىرى بىرمۇ ئۇيغۇرنى مىھمانخانا ئەتراپىغا يېقىنلاشتۇرمىدى. ئامالسىز قالغان خەلقىمىز بەشىكتاش مەيدانىدا ئۆزلىرنىڭ نارازىلىقىنى  بىلدۈردى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىتتىپاقى جەمىيتىنىڭ رەئىسى ئەلى ئەكبەر داموللام، خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىغا ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرى بىلەن رەددىيە بەرگەن، ئۇيغۇر ئاكتىۋىست قەمەر ئارتىش خانىم، ھىرا مائارىپ ۋەخپىدىن لوقمانجان ھىرا، مەھمۇت قەشقەرىي دەرنىكىدىن يۈسۈپ پالتا ھاجى قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى خىتايغا قارشى نارازىلىق يىغىلىشىغا قاتناشتى ۋە ئايرىم _ ئايرىم سۆز قىلىپ خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرنى، نۆۋەتتە نەچچە مىلىيۇن ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگىردا ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ 70يىلدىن بىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر تۈرلۈك ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىنى تالان _ تاراج قىلغىننى ۋە نۆۋەتتە ئۇچۇق _ ئاشكارە يوق قىلىۋاتقىنىنى ئاڭلايتتى ۋە خىتايغا بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلالمايدىغىنىنى، دۇنيانىڭ قەيەردە بولسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ   خىتاينىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى چىقىدىغانلىقىنى خىتاپ قىلدى. شۇنداقلا تۈركىيە دۆلىتىگە ۋە تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر بىلەن قېرىنداشلىقىنى، تۈرۈكنىڭ تۈرۈكتىن باشقا دوستى يوقلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىنى، خىتاينىڭ ھىلە_ مىكىلىرلىرگە ئالدانماسلىقىنى ۋە نۆۋەتتىكى ئورتا ئاسىيا ۋە بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلەرىگە ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن  ئىبرەت ئېلىشى كېرەكلىكىنى مۇراجئەت قىلدى، ئاخىردا يۈزلىگەن ئامما » زالىم خىتاي ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن يۇقال، شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» دىگەندەك  شۇئارلارنى توۋلاپ مەيداندىن ئايرىلدى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئۇيغۇر رادىئو تىلۋىزىيەسى، پىدائىيلار ئىكرانى، قىرىنداشلىق سىتودىيوسى ھەمكارلاشتى

سە ئۆكتەبىر 1 , 2019
گوللاندىيەدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر رادىئو-تېلېۋىزىيىسى»، «پىدائىيلار ئېكرانى» ۋە «قېرىنداشلىق ستۇدىيىسى» قاتارلىق ئۈچ تاراتقۇ ئۇيغۇر تەشۋىقاتچىلىقىدا تېخىمۇ ئىتىىپاقلىشىپ ئىلگىرلەش، تىخىمۇ كۈچلىنىشنى مەقسەد قىلىپ ئۇيغۇر تەشۋىقات پىروگرامچىلىقىدا ھەمكارلىشىشنى قارار قىلدى.

You May Like