تۈركىيە ئادالەت مىنىستىرىنىڭ تىۋىتتىرىغا ئۇيغۇرلار توغرىلىق تەنقىدى ئىنكاسلار يېزىلدى

خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە ئادالەت مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد گۈل 17-نويابىرئۆزىنىڭ تىۋىتتىر ھىسابىدا شاڭخەي مۇفتىسى مۇسا بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى ھەمبەھىرلىدى. رەسىمگە: «شاڭخەي مۇفتىسى مۇسا جىن ۋە باشقا قىرىنداشلىرىمىزنى زىيارەت قىلدۇق ۋە نەچچە مىڭ كىلۇمىتىر ئۇزاقلىقتىكى شىياۋتاۋيۈن(小桃园) مەسچىتىدە جۈمە نامىزىمىزنى بىرلىكتە ئوقۇدۇق. ئۇلارغا تۈرك خەلقىنىڭ سالاملىرىنى يەتكۈزدۇق »دىگەنلەرنى ئىلاۋە قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگىرلىرىدا ئەرزىيەت چىكىۋاتقانلىقى خەلىقئارا تاراتقۇلاردا بەس مۇنازىرە قوزغاۋاتقان ھالقىلىق پەيىتتە، ئابدۇلھەمىد گۈلنىڭ شاڭخەي مۇفتىسى بىلەن رەسى

ئاپتۇر: ئىقبال

كوررېكتور: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-21

     

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار،باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە ئادالەت مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد گۈل 17-نويابىرئۆزىنىڭ تىۋىتتىر ھىسابىدا شاڭخەي مۇفتىسى مۇسا بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى ھەمبەھىرلىدى. رەسىمگە: «شاڭخەي مۇفتىسى مۇسا جىن ۋە باشقا قىرىنداشلىرىمىزنى زىيارەت قىلدۇق ۋە نەچچە مىڭ كىلۇمىتىر ئۇزاقلىقتىكى شىياۋتاۋيۈن(小桃园) مەسچىتىدە جۈمە نامىزىمىزنى بىرلىكتە ئوقۇدۇق. ئۇلارغا تۈرك خەلقىنىڭ سالاملىرىنى يەتكۈزدۇق »دىگەنلەرنى ئىلاۋە قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگىرلىرىدا ئەرزىيەت چىكىۋاتقانلىقى خەلىقئارا تاراتقۇلاردا بەس مۇنازىرە قوزغاۋاتقان ھالقىلىق پەيىتتە، ئابدۇلھەمىد گۈلنىڭ شاڭخەي مۇفتىسى بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ ھەمبەھىرلىشى خىتايدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئاسايىش ئىچىدە، كەڭ-كۇشادە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىما قىلغانلىق دەپ قاراشتى. .

ئابدلھەمىد گۈل تىۋىتتىر ھىسابىدا ھەمبەھىرلىگەن بۇ ئۇچۇر ئىجتىمائى تاراتقۇ ۋاستىلىرىدا ھەم كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. بەزى تورداشلارئابدۇلھەمىد گۈلنىڭ ھىسابىغا بىۋاستە ئىنكاس يازدى. ئىنكاسلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە: -ئالتە ھەپتىدىن بۇيان ئايرۇدۇرۇمدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار سىزنىڭ قېرىندىشىڭىز ئەمەسمۇ؟. ھەرھالدا ئۇلارنى «ئۆلۈم جازاسى بىرىلسۇن» دەپ خىتايغا قايتۇرىۋەتمەيدىغانسىز؟ قېرىنداش قېرىندىشىنى ئۆلۈمگە، كاپىرغا تاپشۇرۇپ بەرمەيدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئىمانىڭىز يول قويماس مەنچە…

-ئۇيغۇر تۈرۈكلىرىگە قىلىنغان زۇلۇم ھەققىدە سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ ئايرۇدۇرۇمدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 11 ئۇيغۇر ئېسىڭىزگە كەلدىمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئەقلىڭىزگە كىلەمتى؟ مەسلە پەلەستىن، سۈرىيە بولغان بولسا ئاللىبۇرۇن ھەل قىلىپ بولغان بولاتتىڭىز… – جازا لاگىرلىردا ئاسسىىمىلاتسىيە قىلىنىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىز توغرىلىق بىرەر ئىلگىرلەش بولدىمۇ ئەجەبا؟ ھۆرمەتلىك مىنىستىر… – 11ئۇيغۇر تۈركنىڭ ئايرۇدۇرۇمدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقىنىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ ……… -ئۇلاردىن ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى نەسەپداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىڭىزمۇ؟ ئۇلار بىللەن بىللە جۈمە نامىزى ئوقۇشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ -مىنىستىر، ئۇلاردىن ئۇيغۇر رايۇنىدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئەھۋالىنى، ئاددى بىر دىنىي ئىبادەتلىرى تۈپەيلى جازا لاگىرلىرىغا سولانغان، شۇنداقلا جازا لاگىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان بىر مىليۇندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ ئەھۋالىنىمۇ سوردىڭىزمۇ؟……

       

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 14

Next Post

تەرجىمە: ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىدا خىتاي زۇلۇمى: «ئادەم قالمىدى!»

پە نويابىر 22 , 2018
خىرىستىئان ئىلىم-پەن كۈزەتكۈچى گېزىتى، ئەننى سىكوت تايسىن

You May Like