پارتىلاتقۇچ: دىموكراتىك دۆلەتلەردىكى تۇنجى ئۇيغۇر پارلامىنىت ئەزاسى دۇنياغا كەلدى؛

پارتىلاتقۇچ: دىموكراتىك دۆلەتلەردىكى تۇنجى ئۇيغۇر پارلامىنىت ئەزاسى دۇنياغا كەلدى؛

پارتىلاتقۇچ: دىموكراتىك دۆلەتلەردىكى تۇنجى ئۇيغۇر پارلامىنىت ئەزاسى دۇنياغا كەلدى؛
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،23-ئاپرىل
ياپونىيە لىبرال دىموكراتلار پارتىيسنىڭ چىبا سايلام رايونى دىكى ئۇيغۇر نامزاتى ئارفىيە سايلامدا ئۇتۇپ ياپونىيە تارىخىدىكى، شۇنداقلا دىموكراتىك دۆلەتلەر تارىخىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر نەسلىدىن بولغان پارلامىنىت ئەزاسى بولۇپ قالدى.
لىبرال دىموكراتلار پارتىيسى-ياپونىيە ھاكىمىيەت بشىدىكى پارتىيە بولۇپ، ياپونىيە باش ۋەزىرى-فۇمىيو كىشدا ئارفىيەنىڭ سايلام رىقابەت پائالىيتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان.
34 ياشلىق ئارفىيە -كىنتارو سونۇرانىڭ ئورنىغا چىقىدىغان بولۇپ، كىنتارو سياسى سەتچىلىك سەۋەبىدىن ئستىپا بەرگەن؛
ئارفىيە ئۆتكەن يىلى كېڭەش پالاتاسى سايلىمىغا قاتناشقان بولسمۇ، نەتىجىدە ئۇتالمىغان.
ئارفىيەنىڭ سايلامغا قاتنىششى ۋە مىللى ئارقا كۆرۇنۇشى-ئامېرىكا بىلومبىرگ قاتارلىق چوڭ تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان؛
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قۇرغۇچىسى، ئامېرىكا ئاسيالىق ئامېرىكىلىقلار ئادالەت جەمئيتى تەتقىقاتچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا مۇنداق دىدى: ئارفىيەنىڭ ياپونىيە قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان ئاۋام پالاتاسغا سايلام ئارقىلىق سايلىنىپ كىرىشى -بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى ۋە ئىجتىمائى ھاياتىدىكى ناھايتى چوڭ ۋەقە ھسابلىنىدۇ.ئۇ قايمۇققان،ئۈمىتسزلەنگەن كەڭ ياشلارغا بىر تەرەپتىن مائارىپ ئارقىلىق ئۆزى ۋە مىللى تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشقا ئۈمىد ۋە ئىلھام بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى سەھنىلەردە پەقەت دەرت تۆككۈچى ئەمەس، سياسى قارارلارغا ئارىلىشش ۋە تەسر كۆرستىش دەۋرىنىڭ تەخىرسز شۇنداق ئىمكانىيەت دائىرسىدە ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ.ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ ئەقىل-پاراستى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلىدۇ

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى: خىتاي باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقىرىش كېرەك

دۈ ئاپرېل 24 , 2023
ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى: خىتاي باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقىرىش كېرەك

You May Like