گۇلچىھرە دۇنيا ئاياللار يېغىنىدىن مول نەتىجە بىلەن قايتتى،كۆز قارشنى ئاڭلاپ بېقىڭ!

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە «دۇنيا ئاياللار قۇرۇلتىي»غا قاتناشقان ئۇيغۇر ژۇرنالست گۈلچىھرە خوجا بۇگۇن مول نەتىجە بىلەن يېغىننى تۈگەتتى.

گۇلچىھرە دۇنيا ئاياللار يېغىنىدىن مول نەتىجە بىلەن قايتتى،كۆز قارشنى ئاڭلاپ بېقىڭ!

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

2019-يىلى،12-ئاپرىل

 

 

 

 

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە «دۇنيا ئاياللار قۇرۇلتىي»غا قاتناشقان ئۇيغۇر ژۇرنالست گۈلچىھرە خوجا بۇگۇن مول نەتىجە بىلەن يېغىننى تۈگەتتى.

گۇلچىھرە ۋە گۇلچىھرەنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى بۇ قېتىملىق يېغىندا مۇھىم دىققەت نۇقتىسى بولغان بولۇپ،ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق تەسراتى دۇنياۋى مەشھۇر ئاياللار بىلەن بىر سەپتە «قىزىل گىلەم«دە ماڭغاندىن باشلانغان.

ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە پەرزەنتلىرى دۇچ كىلىۋاتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى سۆزلەۋاتقاندا، زال ئېچى ئىغىر تىمتاسلىققا چۆمگەن بولۇپ،بۇگۇنكى زامانىۋى دۇنيادا ختتاي كومپارتىيەسنىڭ ئ‍نسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ شاھىدى بىر ئامېرىكا پۇقراسى بولغان  ئۇيغۇر ژۇرنالست نىڭ ئاغزىدىن نەق مەيداندا ئولتۇرۇپ ئاڭلىغانلىرى ئۇلارغا چوڭقۇر تەسر قالدۇرغان.

ئۇنىڭ «بۇگۇن بىزنىڭ خەلقىمىز مەۋجۇتلۇق ئۇچۇن تىركىشۋاتقان پەيتتە ،بىز ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەقىقى ئايال بولىدىغان ،دۇنيانى قوزغايدىغان ۋاقتىمىز يېتىپ كەلدى »« مەن مەيلى قانداق بولۇشدىن قەتئىنەزەر خەلقىم ئۇچۇن سۆزلىشىم كىرەك »دىگەن سۆزى كۇچلۇك ئالقشلانغان.

يېغىندا سابىق دۆلەت ئ‍شلىىر كاتىۋى، سابىق بىرىنچى خانىم  ،2016،-يىللىق پىرزدىنتلىق نامزاتى ھىلارى كىلىنتون «ختتاي يېغىۋىلىش لاگىرلىرىنى قۇرۇۋاتقان پەيتتە ،سۇكۇتتە تۇرۇش نومۇسلۇق ئ‍ش » دىدى.

ئولمپىك ئالتۇن مىدالى ئالغۇچى ،قارا تەنلىك مۇسۇلمان چىمپيون ئىبتىخار مۇنداق دىدى:

مەن ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ھەر كۇنى دۇئا قىلىمەن،ھەر بىر دوستۇمغا ئۇيغۇرلار توغىرسدا سۆزلەپ بىرىمەن«

ھىندستان پۇشتىدىن بولغان داڭلىق كىنو چولپىنى پىريانكا چوپرا  مۇنداق دىدى:دۇنيادا مۇنداق ئادالەتسزلىكلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ئ‍نساننى چۆچۇتىدۇ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ كۆڭلۇم بەك يىرىم بولدى،بىز سۇكۇتتە تۇرماسلىقىمىز كىرەك.

گۇلچىھرە  چوپراغا:بىزنىڭ دەردىمىزنىڭ سزدەك چولپاننىڭ ئاڭلىماسلىقى بىزدىن سزدەك داڭلىق چولپاننىڭ چىقمىغانلىقىدۇر دىۋىدىم،ئۇ ئەمدى بولىدۇ ،ئەمدى ئاڭلايمىز -دىدى.

گۇلچىھرە مۇنداق دىدى،مەن بۇگۇنكى دۇنيانىڭ ئەڭ سەرخىل،نامدار ،ھوقۇقدار ئاياللىرى بىلەن كۆرۇشتۇم ،پىكىرلەشتىم ،ئۇيغۇرلار ئۇچۇن مۇھىم قوللىغۇچىلارنى تاپتىم،شۇنداقلا ئ‍ۆزىمىزنىڭ ئورنىمىزنى ھەم قايتا كۆرۈۋالدىم ،دۇنيانى كۆز ئالدىمدا خۇددى لوپ ئەينەكتە كۆرگەندەك بولدۇم،خەلقىم دۇنيادىكى ئەڭ ئېسل ،ياخشى بىر خەلق،دۇنيا بولسا ئەقىل-پاراسەت ۋە كۇچ-قۇدرەتكە تولغان ، يەرشارىلاشقان مىتود ۋە تەرەققى تاپقان ئۇسۇللار بىلەن، بىز بولساق،بەزىدە كۆزىمىزنى يۇمۇۋالغاندەك،ئۆز ئوقىمىز ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقاندەك كۆرۇنمەكتە.،بۇ قېتىملىق يېغىندا، مەن بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ يېغىندىكى ئورتاق باھاسى،«بىز ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۇزەل رۇخسارى ۋە پەزىلەتلىك مىجەز-خۇلقىنى سزدىن كۆرۇۋالدۇق» دىدى،ئ‍شنىمەنكى،  ئەگەر بىز دۇنيا بىلەن كۆپرەك ئ‍ۇچراشساق ،ئ‍ۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىمىز بىلەن ختتاينىڭ شەخسيەتچىلىكى ئوتتۇرسدا روشەن سىلىشتۇرما ۋە پەرقنى ھس قىلدۇرالايمىز.ختتاي بىزنى بار كۇچى بىلەن سەتلەشتۇرۋاتىدۇ،ياۋۇز كۆرستىۋاتىدۇ.بىز ئۇ قەدەر كۆپ تاكىتىكا ،ستىراتىگىيەگە ئىگە بولمىساقمۇ ،پەقەت ئەينەن ۋە ئۆز ھالىتىمىزدە تەبئى زاھىر بولساق،دۇنيا ھەممىنى كۆرۇپ يېتىدۇ.چۇنكى بىز غالجىر ختتايدىن پەرقلىق.بىز غەزەپ-نەپرىتىمىز ھەتتا ئىنتىقامىمىزنىمۇ گۇزەللەشتۇرەلەيمىز ھەم گۇزەللەشتۇرىشمىز كىرەك.

يېغىن رىياسەتچى تىنا بىراۋىن ئاخىرلاشتۇرۇش سۆزىنى گۇلچىھرەنىڭ مونۇ سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان :«قىنى ،بىز ئاياللار دۇنيانى قوزغايلى »

 

ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقى ۋە پىدائىيلىرى بىتەرەپ ،ھەقسز ۋە لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئۇيغۇر مىللىتى ئۇچۇن خىزمەت قىلىدۇ!

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئامېرىكا ئاۋازى: مىكروسوفت بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ئەندىشە قوزغىماقتا

شە ئاپرېل 13 , 2019
ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا ماگناتى مىكروسوفت شىركىتى بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ( 中国国防科技大学) سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىغا قارىتا، ھەر قايسى ساھەدىكىلەر ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا بىلەن كۆزىتىش تېخنىكىسىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا.

You May Like