خىتاي دائىرىلىرى يەكەن،چاقىلىق، كېرىيە، تۇمشۇق قاتارلىق تۆت جايغا يېڭى ئايرودروم سالغان. مەقسەت خىتاي كۆچمەنلىرىنى تىز سۈرئەتتە كۆچۈرۈش!
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 26-ئاۋغۇست
خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركستان-ئۇيغۇرىستاننىڭ تۆت ناھىيە شەھىرىگە يېڭى تۆت ئايرودروم سالغان بولۇپ، بۇلار ئايرىم -ئايرىم ھالدا، يەكەن، چاقىلىق،كېرىيە، تۇمشۇق قاتارلىق جايلار ئىكەن.
خىتاي كومپارتىيەسى نۆۋەتتە ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە 22 دانە پۇقراۋى ئايرودروم قۇرغان بولۇپ، خىتاي بۇنى ئۆزىنىڭ يېڭى يىپەك قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە « ھاۋا يىپەك يولى» دەپ ئاتىغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىغان پىلانىدا 2030-يىلىغىچە جەمئىي ئايرودروم سانىنى 37 گە كۆپەيتىش ئىكەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دىلمۇرات ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: « خىتاينىڭ بۇنچە كۆپ مەبلەغ سىلىشى ۋەتىنىمىزگە بولغان مۇستەملىكىسىنى كۈچەيتىش شۇنداقلا كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزگە يەرلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەتتۇر.»