پەلەستىن «شىنجاڭ »مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ ختتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ختتاي خەلق تورىنىڭ بىلدۈرىشچە، پەلەستىن پىرەزدىنتى ئابباسنىڭ تاشقى ئىشلارمەسلىھەتچىسى ماجىدى خالىد پەلەستىننىڭ ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ «شىنجاڭ»غا چېتىشلىق مەسىلىلەردە ختتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 پەلەستىن «شىنجاڭ »مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
  

خىتاي خەلق تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەلەستىن پرېزىدېنتى ئابباسنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ماجىدى خالىد پەلەستىننىڭ ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ «شىنجاڭ»غا چېتىشلىق مەسىلىلەردە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن دائىرىلىرى يىللاردىن بىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئەڭ كۈچلۈك قوللاپ كەلمەكتە. ئەمما بىر قىسىم پەلەستىن مۇسۇلمانلىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى «ئۇيغۇر تايمىز» ئىنگلىزچە قانىلىدا خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

خالىد خىتاينىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى گو ۋېي بىلەن تېلېفونلاشقاندا مۇنداق دېدى:«پەلەستىن خىتاينىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : « پەلەستىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ئۆلكە، رايونلاردىكى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىشى قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. پەلەستىن خىتاي بىلەن بىللە تۇرۇپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، خىتاينىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش سۇيىقەستىگە قارشى تۇرىدۇ.

گو ۋېي سۆزلىشىش جەريانىدا مۇنداق دېگەن: « شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى، پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى. ئايرىم دۆلەت ۋە كۈچلەر ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلەپ، خىتاينىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى، ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. خىتاي پەلەستىن بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، خىتاينىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى، ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئومۇمىيىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ب د ت نىڭ ئاخىرقى دوكلاتى ھەققىدە مېشەل باچلىت: ئۇيغۇرلار دوكلاتى مەسلىسدە بەك زور بېسمغا دۇچ كىلىۋاتىمەن؛ئەمما دوكلات ئىلان قىلىنىدۇ.

جۈ ئاۋغۇست 26 , 2022
ب د ت ئ‍نسان ھەقلىرى كومېتىتى باش مەسئۇلى مېشەل باچلىت 31-ئاۋغۇست ئۆز خىزمىتىدىن ئايرىلىپ پېينسگە چىقىدۇ.ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئورگان ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تولۇق ۋە مۇستەقىل دوكلات ئىلان قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.

You May Like