بېيجىڭ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىك قىلىش ئۆلچىمىگە توشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان كۈچلۈك پاكىت

دوكتۇر ئادرىئان زېنزنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا نەزەر» ژۇرنىلىغا «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئاخىرلاشتۇرۇش: بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ نوپۇسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى تەھلىل قىلىش» ناملىق ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى بېسىلغان بولۇپ، «پەن-تېخنىكا گېزىتى» دىن تايلور فرانسىس گۇرۇپپىسى بۇ توغرىسىدا بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلدى…
«…تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر نوپۇس سىياسىتى سەۋەبىدىن 2040-يىلغا بارغاندا 4 مىليون 500 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن…»

تايلور ۋە فرانسىس گۇرۇپپىسى

پەن-تېخنىكا گېزىتى، 2021- يىلى 25- ئاۋغۇست

تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 25- ئاۋغۇست

 

يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتنىڭ بۈگۈن ئاشكارىلىشىچە خىتاينىڭ تۇغۇت چەكلەش، پۇقرالارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، قەبىھ «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا سولاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنى قەستەن كېمەيتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك دەلىللەر بار ئىكەن.

 

بۇ تېما بويىچە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇتەخەسسىس ۋە بۇ يېڭى ماقالىنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى دوكتور ئادرىئان زېنز 1948- يىلدىكى ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاتارىغا كىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

ئۇنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىياغا نەزەر» (Central Asian Survey) ژۇرنىلىغا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتى يەنە 2040- يىلغا بارغاندا، 2 مىليۇن 600 مىڭدىن، 4 مىليۇن 500 مىڭغىچە بولغان ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

 

10 مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئاپتونومىيىلىك تېررىتورىيە بولغان شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان، تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدۇ، خىتايلارغا قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا بەكرەك ئوخشايدۇ.

 

كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش فوندى جەمئىيىتىنىڭ خىتايغا ئالاقىدار ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر زېنز 2018- يىلى ناھايىتى كۈچلۈك پاكىتلار ئارقىلىق بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاي «قايتا تەربىيىلەش ئورنى» دەپ ئاتىۋالغان لاگېرلارغا سولانغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

 

خىتاي دەسلەپتە يىغىۋىلىش لاگېرلىرىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلدى، كېيىن بۇنى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) رايونىدا بۆلگۈنچىلىك زوراۋانلىقلىرىدىن كېيىنكى تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەدبىرلەر دەپ چۈشەندۈرگەن.

 

ھالبۇكى، ئاشكارىلانغان بىر قاتار ھۆكۈمەت تەرەپ ھۆججەتلىرىدە، كۆپلىگەن تۇتقۇن قىلىنغۇچىلارنىڭ «كۈچلۈك دىنىي قاراش » ۋە «سىياسىي جەھەتتىن خاتا» دەپ گۇمان قىلىنغان ئىدىيىگە ئىگە كىشىلەر ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

 

دوكتۇر زېنزنىڭ 2020- يىلى ئېلان قىلغان تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدىكى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا نامەلۇم دورا ۋە ئوكۇللار ئىشلىتىلگەن، مەجبۇرىي ھالدا بالىياتقۇ ئىچىگە تۇغۇت چەكلىگۈچ (IUD) كىرگۈزۈلگەن، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇلغان، شۇنداقلا تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ئارقلىق جازالىغان.

 

ھازىر بۇ يېڭى تەتقىقات ئارقىلىق دوكتۇر زېنز بىر تۈرلۈك ئۈزلۈكسىزلىككە ئىگە، تەشكىلىي ئېلىپ بېرلىغان تۇغۇت چەكلەش ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نوپۇس ئېشىشنى كېمەيتىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلىغان.

 

ئۇنىڭ تەتقىقاتى ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسىدا كۆرسىتىلگەندەك ، بېيجىڭنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئەڭ كۈچلۈك ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 

زېنز تەتقىقات جەريانىدا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئاشكارە ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ۋە رايوندىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئاكادېمىكلار يازغان ماقالىلەرنى سىستېمىلىق تەھلىل قىلغان. ئۇ پۈتكۈل تەتقىقات جەريانىدا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئېتنىك نوپۇس قۇرۇلمىسىنى «سەرخىللاشتۇرۇش» ئارزۇسىنى ئاشكارىلايدىغان ئورتاق باياننى تاپقان.

 

بۇ كۆرسەتمە يۇقىرىدىن، يەنى «شىنجاڭنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە نوپۇس بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان» بېيجىڭدىن كەلگەن.

 

كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، ئۇيغۇر خەلقىنى «سەرخىللاشتۇرۇش» نىڭ ئېھتىياجى رايوندىكى تېرورلۇق تەھدىتىگە قارىتىلغان نېگىزلىك ئىنكاس دەپ قارىلىدۇ. زېنز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى داڭلىق ئاكادېمىكلار ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى مىسال قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تېرورلۇقنى ئازايتىش ئۈچۈن، نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش ياساش كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئۇيغۇرلار رايوندا ھۆكۈمران مىللەتلىك ئورنىدىن قالىدۇ.»

 

تەتقىقاتتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نوپۇس زىچلىقىنى مەجبۇرىي يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە ئازايتىش ئۈچۈن دۆلەت يولغا قويغان پىلاننىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017- يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، سىياسىي قايتا تەربىيە ئېلىپ بېرىشتىن تارتىپ، سىستېمىلىق ھالدا تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زور كۆلەمدە تۇغۇت چەكلەش ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرىۋىتىشقىچە بولغان بىر قاتار ئىنتايىن كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كەلگەن.

 

بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئېنىق مەقسىدى بولسا خىتايلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىش ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى «سەرخىللاشتۇرۇش» تۇر.

 

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەدبىرلەرنىڭ نەتىجىسىدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ تەبىئىي ئۆسۈش نىسبىتى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن، 2015- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە ئىككى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتى %84 تۆۋەنلىگەن، شۇنداقلا 2019- يىلى تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۆۋەنلىگەن.

 

زېنزنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېيجىڭ بۇ ئېتنىك گۇرۇپپىنى «سەرخىللاشتۇرۇش» ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىنى %25 كە كۆپەيتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ 2040- يىلغا بارغاندا تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلى سەۋەبىدىن 2 مىليۇن 600 مىڭدىن تارتىپ، 4 مىليۇن 500 مىڭغىچە بولغان ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىش مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىگەن.

 

دوكتور ئادرىئان زېنز: «مېنىڭ تەتقىقاتىم بېيجىڭنىڭ ئېتنىك نوپۇس قۇرۇلمىسىنى <سەرخىللاشتۇرۇش> ئارقىلىق شىنجاڭ <مەسىلىسى> نى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.» دېدى.

 

بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ رىئال ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولسا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى شىددەت بىلەن كېمەيتىۋىتىش بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر نەچچە مىليۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن. قېلىپ قالغان ئاز بىر قىسىم ئېتنىك گۇرۇپپا ئاھالىسىنى نازارەت قىلىش، كونترول قىلىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئاسان بولىدۇ.

 

«بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ كىشىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغان تەرىپى بولسا ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسىنى <مەسىلە> دەپ قاراشتۇر. بۇ خىل ئىپادىلەش شىنجاڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسىلىسى بار ئاممىنى <زىرائەتلەر ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ياۋا ئوت-چۆپلەر> گە ئوخشىتىپ، دۆلەت <دورا ئىشلىتىپ، ھەممىسىنى يوقىتىش كېرەك> دېگەن بايانلىرىغا ئوخشايدۇ. پۈتكۈل بىرمىللەتكە قارشى ئىشلىتىلگەن بۇ خىل رامكا كىشىنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ.

 

پايدىلىنىلغان ماتېرىيال: «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئاخىرلاشتۇرۇش: بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ نوپۇسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى تەھلىل قىلىش» ئادرىئان زېنز، 2021-يىلى 24-ئاۋغۇست ، «ئوتتۇرا ئاسىياغا نەزەر» ژۇرنىلى

 

مەنبە: https://scitechdaily.com/strong-evidence-that-beijings-policies-meet-the-criteria-for-genocide-of-the-uyghur-people/#google_vignette

Uyghur Reporter

Next Post

ئېچىلمىغان سىرلار – ئۇيغۇر سەبىيلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە خىتاينىڭ مەركەز تەكشۈرۈش ئۆمىكى

چا ئاۋغۇست 25 , 2021
ئېچىلمىغان سىرلار – ئۇيغۇر سەبىيلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە خىتاينىڭ مەركەز تەكشۈرۈش ئۆمىكى

You May Like