ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 12-ئاپرىل
ختاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ختاي دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى ئاتالمىش «شىنجاڭ »ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2- ئايدا ئاتالمىش «شىنجاڭ» سىرتىغا 2 مىليون 850 مىڭ توننا كۆمۈر سېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 210 مىڭ توننا ئاشۇرۇپ سېتىپ، ئېشىش نىسبىتى %73.8 كە يېتىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ياراتقان.
ھازىرغىچە، مەزكۇر ختاي دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى «شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى»نىڭ كۆمۈرنى شىنجاڭدىن چىقىرىش رايونى چىڭخەي، نىڭشيا، سىچۈەن، چۇڭچىڭ، يۈننەن، گۇيجوۋ، ئىچكى موڭغۇل، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن، شىزاڭ قاتارلىق 14 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنى قاپلىغان.
ختاي ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئانا يۇرتى ئۇيغۇرستان تۇپراقلىرىنى مۇستەملىكە قىلغاندىن بۇيان بۇ يەرنىڭ زېمىن-بايلىقلىرىنى ختاي ئۆلكىلىرىنى تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق مەنبە سۈپىتىدە ئشلىتىشنى ، يەرلىك ئىگە خەلقنى ئېكسپالاتاتسيە، تالان-تاراج قىلىشنى داۋام قىلماقتا.