ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بىلەن ئۆزبەكستان تاۋار كۆرگەزمىسى ئاچىدۇ.

ختاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بىلەن ئۆزبەكستان تاۋار كۆرگەزمىسى ئاچىدۇ.

ئاتالمىش شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مۇنداق دىگەن:  2023-يىللىق (12-نۆۋەتلىك) ئۆزبېكىستان-«جۇڭگو شىنجاڭ» تاۋار كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۆزبېكىستان كۆرگەزمىسى دېيىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ دائىرىسى ماشىنا-ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، نېفىت خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، ئېلېكتىر سايمانلىرى، يېمەك-ئىچمەك، ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

ختاينىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قوشنا تۈركى جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن ئېقتسادى جەھەتتە مۇستەقىل ئالاقە قىلىش سالاھىيتى بىرىشى ختاينىڭ مەقسدىنى ئاشكارىلايدۇ: ئېقتسادى ۋە تېخنىكا جەھەتتە ئاجىز بولغان بۇ دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تېخىمۇ چوڭقۇر باغلاش، ئۆز مەنپەئىتىنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ مۇقىم ۋە بېخەتەر بولۇشنى ئ‍شقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش.يەنە بىر نۇقتىدىن، ختاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن ئۆتكەن يەتتە يىلدا، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاساسى جەھەتتىن يوقىتىپ، ختايغا شەرتسز ئىتائەت قىلىدىغان باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش مۇھىتى ياراتتى.بۇنداق شارائىتتا، ئوتتۇرا ئاسيا ۋە باشقا سودا شرىكلىرى ئۈرۈمچى ياكى قەشقەردە ختاينىڭ بېخەتەرلىكى ۋە تەشۋىقاتىغا زىيانلىق ھىچقانداق ھەرىكەتنى كۆرەلمەيدۇ.بۇ نۇقتىدىن ختاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تېخىمۇ كەڭرى سودا ئالاقە پۇرسىتى يارىتىپ، رايوندىكى ختاي كارخانىچىلىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ.

  ئاتالمىش شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەخسۇس ئۆزبېكىستان كۆرگەزمىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، ئۆزبېكىستان بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ،ئاتالمىش پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلىنىپ نۇقتىلىق سودىگەر چاقىرىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى بىرلىك قىلىپ ئۆمەك تەشكىللەپ ئۆزبېكىستان كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى، گۈللەنمە پەن-تېخنىكا قاتارلىقلارنى كۆرگەزمە قىلدى.

  ئۆزبېكىستان كۆرگەزمىسى ئاتالمىش شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان چېگرا سىرتى كۆرگەزمىسى بولۇپ، ئۇدا 11 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن، كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، مەزمۇنى كۈنسېرى موللىشىپ، ئاتالمىش ختاي شىنجاڭنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى داڭلىق ماركا كۆرگەزمىسىگە ئايلىنىپ، ئاتالمش ختاي شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  ئۆزبېكىستاننىڭ ختايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى ئاقمالخان ئالىمخانوف مۇنداق دىگەن: «ئۆزبېكىستان باش ئەلچىخانىسى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت ئورگىنى نامىدا، قىزىقىدىغان، خالايدىغان ختاي كارخانىلىرىنى شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئارقىلىق بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە پائال قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز، ئۆزبېكىستان كۆرگەزمىنى ئەڭ زور مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئارقىلىق ئۆزبېكىستان بىلەن ختاي شىنجاڭنىڭ سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن«.

   ئۆزبېكىستان كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، يەنە ختاي شىنجاڭ-ئۆزبېكىستان كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنى، ئاتالمىش «گۈزەل شىنجاڭ »باش تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئەلرايى: كۆپ قسم تەيۋەنلىكلەر مۇستەقىللىقنى تاللايدۇ.

شە سېنتەبىر 2 , 2023
تۇرسۇنجان،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2-سىنتەبىر تەيۋەن ئەلرايى فوندى جەمئىيتى (台湾民意基金会 )1-سىنتەبىر كۈنى 15- ۋە 14-ئاۋغۇست كۈنى مەزكۇر ئورگان 20 ياشتىن يۇقىرى 1000 نەپەر تەيۋەنلىك ئۈستىدە ئىلىپ بارغان ئەلرايى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 48.9% تەيۋەنلىك مۇستەقىللىقنى تاللايدىكەن.11.8% تەيۋەنلىك ختاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بىرلەششنى خالايدىكەن، 26.9% تەيۋەنلىك ھازىرقى ھالەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىكەن.قانداق قارار قىلىشنى بىلمەيدىغانلار 12.4 % […]
تەيۋەنلىكلەر ئەلرايى

You May Like