تەڭرىتاغ تورى: شىنجاڭ (ش ت) زىيالىلىرى ۋە دىننى زاتلار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيوغا قارشى بىرلەشمە باياناتى تېكستى

ھۆرمەتلىك مايىك پومپىيو ئەپەندىم:

يېقىندا بىز سىزنىڭ جۇڭگۇغا قارىتا ئىلان قىلغان بىر قىسىم باياناتلىرىڭىزغا دىققەت قىلدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىكى (ش ت) دىننى ئىتقاد ۋە كىشىلىك ھۇقۇق توغرىسىدا يالغان مەزمۇنلار بار بولۇپ، بىز شىنجاڭ (ش ت) زىيالىلىرى ۋە دىننى زاتلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىزنىڭ مەسئۇلىيەتسىز، ناتوغرا گەپ -سۆزلىرىڭىزگە قاتتىق غەزىپمىزنى بىلدۈرىمىز.

تەڭرىتاغ تورى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 19- ئىيۇن

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-07-19

 

ھۆرمەتلىك مايىك پومپىيو ئەپەندىم:

يېقىندا بىز سىزنىڭ جۇڭگۇغا قارىتا ئىلان قىلغان بىر قىسىم باياناتلىرىڭىزغا دىققەت قىلدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىكى (ش ت) دىننى ئىتقاد ۋە كىشىلىك ھۇقۇق توغرىسىدا يالغان مەزمۇنلار بار بولۇپ، بىز شىنجاڭ (ش ت) زىيالىلىرى ۋە دىننى زاتلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىزنىڭ مەسئۇلىيەتسىز، ناتوغرا گەپ -سۆزلىرىڭىزگە قاتتىق غەزىپمىزنى بىلدۈرىمىز.

ئۆتكەن بىر مەزگىلدە شىنجاڭدا دىننى ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسى يامراپ، تىرورلۇق پائالىيەتلەر ئەۋج ئېلىپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلۈك بىخەتەرلىكى قاتتىق دەخىلى تەرىزگە ئۇچرىدى. ئەينى ۋاقىتتكى شىنجاڭ خۇددى 2001-يىلى 11-سىنتەبىر دىكى ئامېرىكىنىڭ نيۋيورك مەنخاتتونغا ئوخشاش بولۇپ، كىشلەر ناھايىتى ئەنسىزلىك ۋە جىددىيلىك ئىچىدە ياشايتتى. شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش چاقىرقىغا ئاۋاز قوشۇپ «بىر قولدا زەربە بىرىپ، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىش» نى داۋاملاشتۇرۇپ تىرورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بىرىش ۋە تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاشقا ئەھمىيەت بىرىش بولۇپ، كەسپىي تەربىيلەش مەركەزلىرىنى قۇرۇپ يەڭگىل جىنايەتچىلەرگە  ياردەم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ تىرورىزىم ۋە رادىكالىزىمنىڭ ئۇلارغا بولغان تەسىرنى يۇقۇتۇپ زوراۋانلىق ھەركەتلىرىنى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى يۇقۇتۇشقا تىرىشتى. نۆۋەتتە شىنجاڭ (ش ت) ۋەزىيتى ئىزچىل مۇقۇملىققا ئېرىشكەن بولۇپ ئۈچ يىل ئىچىدە ھېچقانداق زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىخەتەرلىك، بەخىتلىك تۇيغۇسى ئېشىپ باردى. 2018-يىلىدىلا شىنجاڭغا (ش ت) كەلگەنلەرنىڭ قېتىم سانى 150مىليۇن قېتىم سانىغا يەتكەن بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر 2مىليۇن 400مىڭ قېتىم سانىغا يەتكەن. شىنجاڭغا (ش ت) كەلگەن جۇڭگۇ ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر شىنجاڭنىڭ (ش ت ) ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى بەس- بەستە ماختىغان شۇنداقلا شىنجاڭنى (ش ت) گۈزەل بولۇپلا قالماستىن ناھايىتى بىخەتەر دەپ قارىغان.

سىز باياناتىڭىزدا بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى قامىغان دەپ بايانات بىرىپسىز. بىز كۆپ قېتىم كەسپى تەربىيلەش مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۇرسانتلارنىڭ ئازادە، يورۇق ئوقۇتۇش بىنالىرىدا خەنزۇتىلى، قانۇن ، تىككۈچىلىك، يېمەك پىشىقلاپ ئىشلەش، ھۆسۈن تۈزەش قاتارلىق بىلىملەرنى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.

كۇرسانتلارنىڭ مول تائاملارنى  پاكىزە ئاشخانىلاردا يەۋەتقانلىقىغا شاھىد بولدۇق. ئۇلار تېلىۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە مۇنچا قاتارلىق ئەسلىھەلەر تۇلۇق ياتاق بىنالىرىدا يېتىپ قوپۇپ، تەنھەركەت مەيدانى، كۈتۈپخانا قاتارلىق سورۇنلاردا رەڭگارەڭ تۇرمۇشىنى كەچۈرۋاتىدۇ. بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر ھەپتە ئۆيگە قايتىپ بارالايدىغانلىقىنى، ئىشى چىققاندا رۇخسەت سورىيالايدىغانلىقىنى، ئەركىنلىكنىڭ تۇلۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. نۇرغۇن كۇرسانتلارنىڭ دىننى ئاشقۇنلۇقنىڭ ماھىيتى ۋە خەتىرىنى تۇنۇپ يېتىپ «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ زوراۋانلىقلىرىغا قاتتىق نەپرەتلەنگەنلىكىنى كومپارتىيە ۋە ھۈكۈمەتنىڭ تەربىيلەپ زوراۋانلىق ھەركەتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلدۇرغانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە شاھىت بولدۇق. بىز يەنە بىر قىسىم كۇرسانتلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كەسپى تەربىيلەش مەركەزلىرىدە ئۆگەنگەن كەسىپلىرى ئارقىلىق مۇۋاپىق خىزمەتكە ئۇرۇنلىشىپ پۇل تېپىپ ئائىلىسىگە ياخشى كۈن ئېلىپ كەلگەنلىكىگە شاھىت بولدۇق.

سىز ھازىر شىنجاڭ سېستىمىلىق ھالدا مىللىي مەدەنىيتىنى يوقىتىۋاتىدۇ دەپسىز دەلىلىڭىز بارمۇ؟

«جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى ئاساسى قانۇنى»دا دۆلەت بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇقى ۋە مەنپەتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ،ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلىگەن. شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيتىنى قوغداپ، داۋاملاشتۇرۇپ،مەجبۇرى مائارىپ مەكتەپلىرىدە ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرسلەرنى ئاچقان. روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت قانۇندا بىكىتىلگەن بايرام بولۇپ، مەشرەپ، 12مۇقام كەڭ تارقالغان. شىنجاڭ رادىيو تېلۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە قاتارلىق بەش خىل تىلدا قاناللىرى بولۇپ، شىنجاڭ كۈندىلىك گېزىتى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، مۇڭغۇلچە قاتارلىق 4خىل يېزىقتا بېسىپ تارقىتىلىدۇ. شىنجاڭ (ش ت) ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدا 51تۈرلۈك گېزىت، 116تۈرلۈك ژۇرنال تارقىتىپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان روھى ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت ئىھتىياجنى قاندۇرىدۇ.

سىز شىنجاڭ (ش ت) ئىسلام دىننى يوقىتىۋاتىدۇ دەپسىز، جۇڭگۇ ھۈكۈمىتى ھەر تۈرلۈك ئىتقادلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ دەپسىز ،بۇ پۈتۈنلەي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. دىننى ئەركىنلىكنى ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش جۇڭگۇ ھۈكۈمىتىنىڭ دىننى مەسىللەرگە قارىتىلغان ئۇزاق مۇدەتلىك ئاساسى پىرىنسپى. شىنجاڭ (ش ت) ئەزەلدىن زوراۋانلىق، دىننى ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىشنى مەلۇم مىللەت ياكى مەلۇم دىنغا باغلاپ قويمىغان، بەلكى دىننى ئاممىنىڭ نورمال دىننى پائالىيەتلىرنى ۋە دىننى ئىھتىياجلىرىنى قەتئىي  قوغدايدۇ. شىنجاڭدا24400 مەسچىت، 29000نەپەر دىننى زات بار بولۇپ ئىسلام ئىنىستوتى قاتارلىق 10دىننى مەكتەپ ئېچىلغان بولۇپ ھەريىلى 1300دەك ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ. شىنجاڭدا ئوتتۇر ھىساپ بىلەن ھەر 530مۇسۇلمانغا بىر مەسچىت توغرا كىلىدىغان بولۇپ بۇ نىسبەت نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ھۈكۈمىتى مەسچىتلەرنى سۇ، توك، گاز قاتارلىق بىلەن تەمىنلەپ رادىيو، تېلىۋىزور، كۈتۈپخانا، مۇنچا قاتارلىقلارنى سەپلەپ مەسچىتلەرنىڭ شارائىتلىرىنى ياخشىلاپ بىرىپ نۇرغۇن دىننى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ بىردەك مەدھلىشىگە ئېرىشتى.

سىز شىنجاڭدا (ش ت) كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىپ كونتۇرۇل قىلىش سېستىمىسى ئىشلەتكەن دەپسىز.بۇ تېخمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئاممىۋى سورۇنلاردا كامىرا ئورنۇتۇش خەلىقئارانىڭ ئۇمۇملاشقان بىر ھەركىتى بولۇپ، ئۇنىڭ مۇددىئاسى خەلىق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش. ئامېرىكىمۇ چوڭ كىچىك شەھەرلەردە كامىرا ئورناتقان ھەمدە ئامېرىكىدىكى 20ئايرىپورتتا ساياھەتچىلەرگە يۈز ئارقىلىق  پەرىقلەندۈرۈپ تەكشۈرۈش سېستىمىسىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. نىمە ئۈچۈن شىنجاڭ (ش ت) كامىرا قوللانسا نازارەت قىلىپ كونتۇرۇل قىلىش دىيلىدۇ؟ بۇ پۈتۈنلەي ئىككى تەرەپلىمە ئۆلچەم قوللىنىشتۇر.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭ (ش ت) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىننى ۋە كىشىلك ھۇقۇق ئەھۋالىغا ئادىل باھا بېرىپ، شىنجاڭغا (ش ت) ئالاقىدار يالغان گەپ-سۆز ۋە تۆھمەتلەرنى تۇقۇشنى توختىتىشنى، شىنجاڭغا (ش ت) ئالاقىدار مەسىللەر بىلەن جۇڭگۇنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارلاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

مەنبە:

http://news.ts.cn/system/2019/07/19/035791942.shtml

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

گېرمانىيە ئاۋازى: مايىك پومپىيو خىتاينىڭ شىنجاڭ (ش ت) سىياسىتىنى«ئەسىرلىك داغ» دەپ ئەيىپلىدى

جۈ ئىيۇل 19 , 2019
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «دىنى ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنى» غا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئەسىرلىك داغ» دەپ ئەيىپلىدى، ھەمدە بېجىڭنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى ئامېرىكا ئورۇنلاشتۇرغان دىنى ئەركىنلىك يىغىنىغا قاتناشماسلىقى ئۈچۈن تەھدىت سالغانلىقىنى شىكايەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى : «بىزنىڭ بۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى خىتايدا يۈز بېرىۋاتىدۇ.»

You May Like