تالىبان باياناتچىسى: «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئەزالىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلدى

تالىبان باياناتچىسى: «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئەزالىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلدى

 

 

ياسىنجان مەمەت

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 16-سېنتەبىر

تالىبان باياناتچىسى سۇھەيىل شاھىن ( Suhail Shaheen) جۈمە كۈنى خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان گىلوبال تايمىز (يەر شارى ۋاقىت گېزىتى) گە بەرگەن زىيارىتىدە مۇنداق دېگەن:

 «خىتاي خاتىرجەم بولسۇن، ئافغانىستان خىتايغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قىلىدىغان بىر بازا بولمايدۇ. شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى دوھا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇلارغا ئافغانىستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرگە قارشى بازا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن ئەزالىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلغان.»
 
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بىز تالىبان باياناتچىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا دىققەت قىلدۇق، بىز تالىبان تەرەپنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈل -كېسىل ئۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز».

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ئەنگلىيە دۆلەت مەجلىسىگە كىرىشى چەكلەنگەن

پە سېنتەبىر 16 , 2021
خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ئەنگلىيە دۆلەت مەجلىسىگە كىرىشى چەكلەنگەن

You May Like