ئەنگلىيە سوتى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پاختا ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش ئەرزنامىسىنى رەت قىلدى

ئەنگلىيە سوتى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پاختا ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش ئەرزنامىسىنى رەت قىلدى

ئەنگلىيە سوتى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پاختا ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش ئەرزنامىسىنى رەت قىلدى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 20-يانۋار

ئامېرىكا بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 20-يانۋار لوندوندىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە يۇقىرى سوتى جۈمە كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۇنۇلغان پاختا ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش ئەرزنامىسىنى رەت قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» تەرىپىدىن ئەنگلىيە يۇقىرى سوتىغا سۇنۇلغان ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق دەپ قارالغان ئاتالمىش «شىنجاڭ» رايونىدىن (شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان. ت) پاختا ئىمپورت قىلىشىغا قارشى سۇنۇلغان ئەرزى باش سوتچى  ئىئان دوۋ (Ian Dove) تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

باش سوتچىنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيەگە ئىمپورت قىلىنىۋاتقان پاختىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەرنىڭ كەمچىل بولغانلىقى سەۋەبىدىن مەزكۇر ئەرز رەت قىلىنغان. ئەمما ئۇ تولۇقلىما بايانات بېرىپ سوت گەرچە يۇقىرىقىدەك قارارنى چىقارغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ كۆلەمدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئوبزور: ئەلرايى ۋە سەمىمىيەت - بىز راست گەپ قىلساق بولمامدۇ؟

شە يانۋار 21 , 2023
توردىكى ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسى ئومۇمىي ئەلرايىغا ۋەكىللىك قىلامدۇ؟ بەزى خەۋەرلەرگە چۈشكەن ئىنكاسلارغا قاراپ، خەلق رايىنى كۆرۈش ئاسان ئەمەس، چۈنكى مۇھاجىرەت جەمئىيتىمزدە كۆپ خىل قاراشتىكىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ھەقىقى ئەلرايىنى بىلىش ئۈچۈن بىز تۆۋەندىكىدەك سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشمىز كېرەك...

You May Like