تارىختىكى ئۇرۇشلاردا ئەڭ كۆپ مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەر

1.تۈركىيە: 19-ئەسىردە، يەنى 1812-، 1829-،1878-يىللىرى روسىيەدىن ئۈچ قېتىم مەغلۇپ بولغان. گىرېتسىيەلىكلەر 1827-يىلى تۈركىيەنى يېڭىپ، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن. مىسر 1832-، 1839-، 1840-يىللىرى تۈركىيەنى مەغلۇپ قىلغان. 1912-يىلىدىن 1913-يىلىغىچە تۈركىيە، ئىتالىيە، گىرېتسىيە، سېربىيە، بۇلغارىيە ۋە ئالبانىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا يېڭىلگەن.

1.تۈركىيە: 19-ئەسىردە، يەنى 1812-، 1829-،1878-يىللىرى روسىيەدىن ئۈچ قېتىم مەغلۇپ بولغان. گىرېتسىيەلىكلەر 1827-يىلى تۈركىيەنى يېڭىپ، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن. مىسر 1832-، 1839-، 1840-يىللىرى تۈركىيەنى مەغلۇپ قىلغان. 1912-يىلىدىن 1913-يىلىغىچە تۈركىيە، ئىتالىيە، گىرېتسىيە، سېربىيە، بۇلغارىيە ۋە ئالبانىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا يېڭىلگەن.

2. ئاۋسترىيە: 1792-يىلىدىن 1814-يىلىغىچە ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېنانى فرانسىيە ئىككى قېتىم ئىشغال قىلىۋالغان. 1859-يىلىدىكى فرانسىيە -ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدا يەنە مەغلۇپ بولغان. 1866-يىلى ئاۋسترىيە بىلەن پرۇسسىيە ئۇرۇشىدا تېزلا غەلىبە قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاۋسترىيە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەغلۇپ بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاۋىسترىيە گېرمانىيەنىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان. 1945-يىلىدىن باشلاپ ئاۋىسترىيە بىتەرەپ دۆلەت بولغان.

3.بولىۋىيە. بولىۋىيەلىكلەر 1828-يىلى ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، پېرۇنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، پېرۇ بىلەن بولىۋىيە 1835-يىلى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى قۇرغان. ئۇزاق ئۆتمەي چىلى بولىۋىيەنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1879-يىلى بولىۋىيە بىلەن پېرۇ يەنە بىرقېتىم ئىتتىپاقلىق ئورناتقان، لېكىن يەنە چىلىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ دېڭىز بويىدىكى بىر ئۆلكىنى بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1932-يىلىدىن 1935-يىلىدىكى ئۇرۇشلاردىمۇ مەغلۇپ بولغان.

4. مىسىر: ئەنگلىيە 1882-يىلى مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىپ، تاكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقۇچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئىسرائىلىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە ئارمىيەسى 1956-يىلى مىسىر ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلىپ، سۇۋەيىش قانىلىنى كونترول قىلغان، لېكىن يەتتە كۈندىن كېيىن مىسىردىن چېكىنگەن. مىسىر سۇۋەيىش قانىلىنى 1967-يىلىغىچە كونترول قىلغان، شۇ يىلى 5-ئىيۇن ئىسرائىلىيە تۇيۇقسىز مىسىرغا ھۇجۇم قىلىپ، تۆت كۈن ئىچىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1973-يىلى مىسىر ئىسرائىلىيەگە قايتۇرما زەربە بەرگەن، لېكىن ئىسرائىلىيە 16كۈن ئىچىدە يەنە غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇ مەزگىلىدىكى زۇڭتۇڭ 30 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مىسىرلىقلارنىڭ تۆت قېتىم ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 1979-يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىغان.

5. فرانسىيە: فرانسىيە ئارمىيەسى ناپولېئون ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە پۈتكۈل ياۋروپانى ئىگىلىۋالغان، لېكىن 1815-يىلىدىكى ۋاتېرلو ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان. 1862-يىلىدىن 1867-يىلىغىچە فرانسىيە بىلەن مېكسىكا ئۇرۇشدىمۇ مەغلۇپ بولغان. 1867-يىلى مېكسىكىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. پىرۇسسىيە-فرانىسيە ئۇرۇشىدا گېرمانىيە فرانسىيە ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلىپ، فرانسىيەنىڭ شىمالىي قىسمنى ئىگىلىۋالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا فرانسىيە غەلبە قىلغان بولسىمۇ، ئۆلگەن-يارلانغانلار ئەڭ كۆپ، ئېرىشكىنى ئەڭ ئاز بولغان. گىتلېر 1940-يىلى فرانسىيەگە چاقماق تېزلىكىدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، 1944-يىلى ئەنگلىيە-ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيەسى فرانسىيەنى ئازاد قىلغان.

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

داڭلىق ناخشا چولپىنىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

سە ماي 1 , 2018
بۇ ماقالە ۋەتەن ئىچىدىكى تور بېكەتلەردىن ئىلىنغان بولۇپ،ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ۋە باشقا ئۇيغۇرغا ئورتاق بولغان مەدەنىيەت كىملىكلىرى ۋە شەخسلىرى تور بېتىمىزدە ئورتاقلىشىلدى.ماقالە ئەسلىسدىن ئۆزگەرتىلمىدى،ئەمما <<شنجاڭ>>سۆزىنى قوبۇل قىلمايدىغىنىمىز ئۇچۇن قوش تىرناق ئىچىگە ئىلىندى.

You May Like