تاھىر ھامۇتنىڭ نۇتۇقى :ئامېرىكا-خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك منستىرلار يېغىنى

(ئۇيغۇر-ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى )داۋام قىلماقتا.

مەزكۇر نۇتۇق تاھىر ھامۇتنىڭ رۇخستى بىلەن ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقى ئۇيغۇرچە تور بېكىتدە ئىلان قىلىندى. نۇتۇق تېكستى:

تونۇشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت،ئەلچى بىراۋىنبەككە،دۆلەت ئشلىرى كاتىۋى پامپيوغا،شۇنداقلا مىنى سۆزگە تەكلىپ قىلغان ھەممىڭلارغا رەھمەت!

تاھىر ھامۇتنىڭ نۇتۇقى

     

(ئۇيغۇر-ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى )داۋام قىلماقتا.

مەزكۇر نۇتۇق تاھىر ھامۇتنىڭ رۇخستى بىلەن ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقى ئۇيغۇرچە تور بېكىتدە ئىلان قىلىندى.   نۇتۇق تېكستى:

تونۇشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت،ئەلچى بىراۋىنبەككە،دۆلەت ئشلىرى كاتىۋى پامپيوغا،شۇنداقلا مىنى سۆزگە تەكلىپ قىلغان ھەممىڭلارغا رەھمەت!

ھۆرمەتلىك خانىملار، ئەپەندىلەر، ئەتىگەنلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

مېنىڭ ئىسمىم تاھىر ھامۇت، مەن بىر شائىر ھەم رېژىسسور. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا تۇغۇلغان. بۇ يەرنىڭ ئەسلى نامى شەرقىي تۈركىستان .

ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەت بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. 1949 – يىلىدىن باشلاپ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قەبىھ سىياسىي ھەرىكەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلدى،

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ماڭا ئوخشاش ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى ياكى دىنىي ئېتىقادى تۈپەيلىدىن زىيانكاشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ. مەن بۈگۈن بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىمەن.

2016.يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنى بىر ساقچى دۆلىتىگە ۋە ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى سۇنئىي ئىدراك، ئاۋاز ۋە چىراي تونۇش تېخنىكىسى، ئومۇميۈزلۈك يانفون تەكشۈرۈش، DNA ئەۋرىشكىسىنى مەجبۇرىي يىغىش قاتارلىق يۇقۇرى تېخنىكىلىق تەقىپ سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى نازارەت قىلماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى مىسلىسىز چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي كىتابلارنى يىغىنۋالدى ۋە كۆيدۈردى، مەسچىتلەرنى چاقتى. بۇرۇن قانۇنلۇق بولغان دىنىي پائالىيەتلەر ئەمدى قانۇنسىز جىنايەتكە ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى جازالاشنىڭ باھانىسى بولدى.

خىتاينىڭ مىللىي زۇلۇمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆچمەلىكىنى ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.

11-سىنتەبىرۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى، خەلقارا جەمئىيەتنىڭ سۈكۈت قىلىشى خىتاينىڭ بۇ باستۇرۇشلىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىۋەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى «قايتا تەربىيەلەش ئورنى» دەپ ئاتىلىدىغان جازا لاگىرلىرىغا قامىدى. نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر شۇ خىلدىكى لاگىرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئېچىنىشلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، نەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى، قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ۋە قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. كىشىلەرنىڭ بۇ لاگىرلاردا كۆپلەپ كېسەل بولۇۋاتقانلىقى ۋە ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىي جەھەتتىن باستۇرۇشى ھەتتا چەتئەللەرگىچە كېڭەيدى. ئ‍ۆتكەن يىلى مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىتدىن خالىغانچە تۇتۇپ خىتايغا  قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرغىچە ئىز- دېرىكى يوق.

مەن 1996 – يىلى تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىقماقچى بولۇپ، «سەزگۈر ماتېرىياللارنى چېگرىدىن ئېلىپ چىقماقچى بولغان» دېگەن بەتنام بىلەن تۇتۇلۇپ، ئۈچ يىللىق ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشكە ھۆكۈم قىلىنغان. شۇ چاغدا، مەن تۇرغان ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىدا جازالىنىۋاتقان ئۈچ يۈز ئەللىككە يېقىن مەھبۇسنىڭ مۇتلەق كۆپى ئۇيغۇربولۇپ، بۇلارنىڭ تەخمىنەن ئىككى يۈز ئوتتۇزى سىياسىي جىنايەتچى، يەنى، ئۆزىنىڭ سىياسىي كۆزقارىشى ياكى دىنىي ئېتىقادى تۈپەيلىدىن جازالىنىۋاتقانلار ئىدى..

جازا مۇددىتىم توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندە، ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتىمدىن ئاللىقاچان ھەيدەلگەن ئىدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەن خىتاي ھۆكۈمىتى ماڭا دۈشمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان رېجىم ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولدۇم.

2009-يىلى 5-ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چوڭ قىرغىنچىلىقى يۈز بەردى. شۇ يىلى 3 سىنتەبىردە خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا چىقىپ، ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى. مەن ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلاندىم. ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىلگەن، دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتكەن ۋە ئېغىر يارىلانغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.

 2017-يىل مارتتىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرى يىغىۋېلىندى، چەتئەللەرگە چىققانلار ۋە ئىشەنچلىك ئەمەس دەپ چېكىت قويۇلغانلار تۈركۈم – تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگىرلىرىغا قامىلىشقا باشلىدى.

2017-يىلى ئاۋغۇستتا، مەن قىزىمنى داۋالىتىمەن دەپ ئائىلەم بىلەن بىللە قېچىپ چىقتۇق.

بىز بىر ئائىلە ئامېرىكىغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بىزدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ساقچىلار ئايالىمنىڭ ئىككى ئىنىسىنى تۇتقۇن قىلدى. شۇنداقتىمۇ، مەن ئ‍ۇيغۇر رايونىدا كۆرگەن ۋە بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى خەلقارا تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىدىم. شۇ سەۋەپتىن، مېنىڭ بىر ئىنىم تۇتقۇن قىلىندى.

خۇددى چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، مېنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم بىلەن بولغان ئالاقەم پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى، ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.

شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، خۇددى ناتسىستلار يەھۇدىيلارنى قىرغىىن قىلغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگىرلىرىدا كەڭ – كۆلەمدە قىرغىن قىلىش ئېھتىماللىقى بار.

شۇڭا، مەن خەلقارا جەمىيەتنى، يەنى، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ۋە تەشكىلارلاتلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشىقا ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا ئۈندەشكە، ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قوللاشقا چاقىرىمەن.

ھەممىڭلارغا رەھمەت.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئسپات بىرىش ئۇسۇلى ھەققىدە

پە ئاۋغۇست 16 , 2018
ئسپات بىرىش ئۇسۇلى ھەققىدە تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان <<ئۇيغۇر-ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى >>يۈرۈشلۈك 33-يازما ئسپات بىرىش،گۇۋاھلىق بىرش – ئۆزىمىزنىڭ بىۋاستە ھىكايىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بىلدۇرۇش ،بۇ ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىش،ختتاينىڭ قىرغىنچىلىقنى توختىششقا ھەرىكەت قىلىش مەقسەت قىلىنغان. بىز دۇنياغا زادى نىمە دىمەكچى: دۇنياغا بىلدۇرۇشتە چوڭ جەھەتتە ئىككى […]

You May Like