ئ‍ستانبۇلدا يەنە بىر ئىگە-چاقىسز ئۇيغۇر قايتۇرۋىتىش مەركىزىگە قامالغان.نۇرغۇن كىشلەر ئەندىشە قىلماقتا.

ئ‍ستانبۇلدا يەنە بىر ئىگە-چاقىسز ئۇيغۇر قايتۇرۋىتىش مەركىزىگە قامالغان.نۇرغۇن كىشلەر ئەندىشە قىلماقتا.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن تەييارلىغۇچى: ئەكرەمجان، ئىھسان شۈكران،

مۇھەرىرى: تۇرسۇنجان

2-دېكابىر، 2023 -يىلى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئىگەللىشچە، تۈركىينىڭ ئ‍ستانبۇل شەھىرى سافا كۆي رايونىدا ياشايدىغان مۇھەممەت ئەمىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر 2023 -يىلى 11.ئاينىڭ 30.كۈنى (پەيشەنبە) ساقچىلار تەرپىدىن ئەتتىگەن سائەت 6:00 ئەتراپىدا تۇتۇپ كېتىلگەن.

مۇھەممەد ئەمىن، ئەر، ئۇيغۇر، خوتەندىن، بۇ يىل 31 ياش، تېكىمچىلىك زاۋۇتىدا ئىشلەپ بىر ئائىلە تۇرمۇشنى قامداپ كەلگەن.

مۇھەممەد ئەمىننىڭ ئايالىنىڭ بىلدۈرىشچە، تۈركىيە ساقچى تەرەپ مۇھەممەت ئەمىننى ئاۋال بىر قانچە كۈن قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن، چاتالجىدىكى چەتئەللىكلەرنى قايتۇرۋىتىش مەركىزىگە ئاپىرىپ قاماپ قويغان.

ئۇنىڭ ئايالى مۇھەممەد ئەمىننىڭ قويۇي بېرىلىشى ئۈچۈن بارلىق تەشكىلات ۋە پائاليەتچىلەردىن ھەركەت ئۆتۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئۆتكەن 6 يىلدىن بىرى، تۈركىيەدە ئورۇنسز، سەۋەبسز تۇتۇلۇپ، قامالغان، ئىز-دىرەكسز يوقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى داۋاملىق ئاشقان بولۇپ، تېخى ھىچقانداق ئۇيغۇر تەشكىلاتى مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ خىل تۈردىكى مەسللەرگە يولۇققان، يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئېىنىقلاش، مەخسۇس ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە دوكلات تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى قىلمىغان.

پەقەت ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئارقىلىق خەۋەرگە چىققاندىلا، ئاندىن جامائەتكە ئۆزى قىلغان ئ‍شلارنى بىلدۈرۈپ تەشكىلى تەشۋىقات ئۈچۈن ئ‍شلەتكەن. تېخى ھىچقانداق ئۇيغۇر تەشكىلاتى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە «ئۇيغۇرلارنى قالايمىقان تۇتقۇن قىلماسلىق»، «ختايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك»،«قاماقتىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بىرىش » ھەققىدە رەسمى ئىلتىماس ياكى دىپلوماتىك تەلەپ تاپشۇرمىغان.

كۆزەتكۈچى مەمەتجان ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا مۇنداق دىدى:

«كىشنى ئەڭ قاتتىق ئەندىشىگە سالىدىغىنى-ھىچقانداق كىشلەر بىلەن ئارىلاشمايدىغان، ئۇرۇق-تۇققىنى يوق ئۇيغۇرلار بولۇپ، بۇلار ئۆزىنى جەمىيەتتىن قاچۇرغان بىلەن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ختاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئىگە-چاقىسى يوقلۇقىنى، ئۇلارنى تۇتسا ياكى ختايغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە ياكى ئۆتكۈزۈپ ئىلىپ كەتسە، ھىچكىم بىلمەي قالىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلىدۇ. بۇ يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەتەرلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق تۇيۇقسز تۇتۇش ۋەھىمىسدىن قورقۇپ باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار نۇرغۇن پۇل خەجلەيدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تۈرمىلىرىگە قامىلىدۇ، مەسلەن ئىدرس ھەسەن، ياۋروپاغا قېچىش يولىدا سۇغا چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتكەن ياش ئۇيغۇر بالىسى، تۈركىيەدىن ياۋروپاغا مېڭىش سەپىرىدە ۋېرۇس بىلەن قازا قىلغان ئۇيغۇر زىيالىسى ئابدۇراھمان قاتارلىقىلار تۈركىيەدىكى كۈنسايىن ئىغىرلىشۋاتقان خەتەرلىك مۇھىتنىڭ تەسرىدىن قىچىپ ھاياتى ئاخىرلاشقان ياكى تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېپىك مسالىدۇر.»

كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان بىر قسم سياسەتلەردىكى قاراڭغۇ تەرەپلەر ھەققىدە دوكلات ئىلان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىمۇ ئۇيغۇرلارنى ختايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دۆلەتلەر ھەققىدىكى دوكلاتتا بۇ ھەقتە مەخسۇس توختالغان.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان بېخەتەرلىك مەسلىسى ھەققىدە خەۋەر قىلغانلىقى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان ئوبزورلارنى ئ‍ىلان قىلغانلىقى ئۈچۈن «تۈركىيە دۈشمىنى» دەپ بۆھتان قىلىنغان ۋە ھۆكۈمەت دائىرلىرىگە چېقىشتۇرۇلۇپ كەلمەكتە.

مەزكۇر خەۋەرنىڭ سوسيال مېدىيادىكى ئادېرسى:

https://www.facebook.com/UyghurTimesUyghur/posts/pfbid02ZuVsgvrzffVb9wcbMGf2Gw4zoodXuEuwdN9EdXMDT4ZikfLwRD8RqENyko9P1RoPl

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي ھۆكۈمىتى خوتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورنىنى خوتەن شەھىرىدىن خوتەن ناھىيسگە كۆچۈردى

شە دېكابىر 2 , 2023
ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،   يېقىندا ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىنى خوتەن شەھىرىدىن كۆچۈپ چىقىپ، خوتەن ناھىيە تەۋەلىكىدە ئورۇنلىشىشىنى تەستىقلىدى 1984-يىلى 6-ئايدا ختاي مەركىزى ھۆكۈمىتى «خوتەن شەھىرى»قۇرۇشنى تەستىقلاپ، خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق خوتەن ناھىيەسىنىڭ خوتەن بازىرى، شورباغ گۇڭشېسى، لاسكۇي گۇڭشېسى ۋە ئۇرۇقچىلىق […]
خوتان

You May Like