شىۋىتسارىيەدە ئۇنۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز ؟ دېگەن تېمىدا لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

بۈگۈن شىۋىتسارىيەدە ئۇنۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرىغا شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيتى پەخرى رەئىسى ۋە باش مەسلىھەتچىسى ئەندىلى قاراخانلى ئەپەندىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باش كاتىپى، شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەبىبۇللا ئىزچىنىڭ دوكلات بېرىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز؟ شەرقى تۈركىستاننى بىلەمسىز؟ دېگەن تېمىدا لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

شىۋىتسارىيەدە ئۇنۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز ؟ دېگەن تېمىدا لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

 

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋىرى 22 -مارت

 

بۈگۈن شىۋىتسارىيەدە ئۇنۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرىغا شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيتى پەخرى رەئىسى ۋە باش مەسلىھەتچىسى ئەندىلى قاراخانلى ئەپەندىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باش كاتىپى ھەبىبۇللا ئىزچىنىڭ دوكلات بېرىشى بىلەن  ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز؟ شەرقى تۈركىستاننى بىلەمسىز؟ دېگەن تېمىدا لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئوزۇندىن بېرى شىۋىتسارىيەدە پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى تەرىپىدىن 22-مارت كۈنى شىۋىتسارىيەنىڭ زۇگ شەھرىدە ، ئۇنۋېرسىتى ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر مەيدان لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. لېكسىيەنى شىۋىتسارىيەنىڭ زۇگ ئۇنىۋېرسىتىتى ۋە شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان بولۇپ، لېكسىيە زۇگ شەھەرلىك گىمنازىيۇمدا ئېلىپ بېرىلدى.

 

 

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى ھەبىبۇللا ئىزچىنىڭ تەييارلىغان ئوتتۇز بەتلىك، رەسىملىك دوكلاتىدا شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، دوكلاتنى شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئەندىلى قاراخانلى ئەپەندىم تەقدىم قىلدى.

پائالىيەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچتا ئەندىلى قارا خانلى ئەپەندىمنىڭ تەقدىم قىلىشى بىلەن ئوتتۇز بەتلىك، گېرمان تىلىدا تەييارلانغان رەسىملىك دوكلات ئارقىلىق،دوكلاتتا جازا لاگېرلىرى، خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقى، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە مەجبۇرى توي قىلدۇرۇش، خىتاينىڭ قېرىنداش ئائىلە پروجەسى نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىگىچە سىڭىپ كىرىپ نازارەت قىلىش ۋە ئاسىلىمىلاتسىيە قىلىشقا ئورۇنۇشى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئائىلىسىدىن مەجبۇرى ئايرىۋېتىلىشى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقتىكى ئىنساننىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان ھىلە –مىكىرلىرى دۇنياۋى ئاخباراتلارنىڭ خەۋەرلىرى، دەلىل ئىسپاتلىرى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلدى.

ئىككى سائەتلىك دوكلات تەقدىم قىلىشتىن كېيىن، قىسقا تەنەپپۇس قىلىنىپ ئارقىدىن ئىككىنجى باسقۇچلۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى. ئىككىنجى باسقۇچتا ھەبىبۇللا ئىزچىنىڭ تۈرمە ھاياتى، تۈرمىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى، قىيىن –قىستاقلار ئارقىلىق ھازىرقى مەۋجۇت جازا لاگېرلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان پاجىئەلەر، قىيىن –قىستاقلار ۋە بۇنىڭ ھازىرقى دەۋردە ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان تراگېدىيە ئىكەنلىكى يورۇتۇپ بېرىلدى.

پائالىيەت ئاخىرىدا ئەركىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىپ ئوقۇغۇچىلار بەس –بەستە ئەندىلى ئەپەندىم ۋە ھەبىبۇللا ئىزچىدىن سوئاللار سوراشتى ۋە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ پاجىئەگە قارشى نىمە قىلىپ بېرەلەيمىز؟ -دېگەن تېمىدا ئەركىن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ ھەقتە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەن شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى،باش مەسلىھەتچىسى ئەندىلى قاراخانلى ئەپەندىم ،بۇ بىر ياخشى باشلىنىش، بۇندىن كېيىنمۇ بۇ شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىۋىتسارىيە خەلقىنىڭ جۈملىدىن يېڭى نەسىللەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىشى ۋە بۇ ساھەدە بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا كۈچ چىقىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈمىز دەيدۇ.

شىۋىتسارىيە ياۋروپانىڭ مەركىزىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە بولمىغان، ئەمما شەڭگەن دۆلەتلىرىگە تەۋە شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابى  ۋە ئۇنىڭغا تەۋە نۇرغۇن ئورگانلىرى جايلاشقان بىتەرەپ دۆلەت.

نۆۋەتتە شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا خىتايغا قارشى ئاۋاز بېرىپ كەلمەكتە.

بۇ ھەقتە ئەندىلى ئەپەندىم يەنە ، بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز شىۋىتسارىيە ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئېتراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ،بىز شىۋىتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلار شىۋىتسارىيە جەمىيتىگە نىسبەتەن بەكمۇ ئاز بىر توپلۇم، ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ،شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى تەرىپىدىن شىىۋىتسسارىيەدە نەچچە قېتىم لاگېر شاھىتلىرى پارلامېنتتا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيتى ئۆتكەزدۇق. شىۋىتسارىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئاۋازغا قۇيۇلدى.

بۇ يەردە مەقسەت شۇ ، گەرچە ئاۋازغا قۇيۇشتا غەلىبە قىلالمىغان بولساقمۇ، ئەمما شىۋىتسارىيە پارلامېنتىغا ۋە شىۋىتسارىيە جەمىيتىگە ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بىر مىللەتنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ پارچىسى ئەمەس بەلكى ئىشغال قىلىۋېلىنغان بىر زېمىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدۇق، ۋە داۋاملىق شۇنداق قىلىمز ،بىزنىڭ يېڭى قۇرۇلغان تەشكىلىي كومتىتىمىزنىڭ شىۋىتسارىيەدە بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى تېخىمۇ جانلىق ۋە تەسىرچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ، شۇنداق بولۇشىغا ئىشىنىمىز دەيدۇ.

 

 

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

مسىىردا ئوقۇۋاتقان بىلال ئابدۇكىرىم تۇتقۇن قىلىنغان

جۈ مارت 24 , 2023
مسىىردا ئوقۇۋاتقان بىلال ئابدۇكىرىم تۇتقۇن قىلىنغان

You May Like