ھېيتتا خۇشال بولالمايدىغان مۇسۇلمان مىللەت — ئۇيغۇرلار

ھېيتتا خۇشال بولالمايدىغان مۇسۇلمان مىللەت — ئۇيغۇرلار

ھېيتتا خۇشال بولالمايدىغان مۇسۇلمان مىللەت — ئۇيغۇرلار

 مۇھەممەد توختى ئاتاۋۇللا (تۈركىيە) 

قۇربان ھېيت مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي بايرىمى. بۇ بايرام مۇناسىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئايەم شاتلىقىغا چۆمىدۇ. ئائىلىلەر جەم بولۇپ ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزىدۇ. ئۇرۇق-تۇققان ۋە دوست-بۇرادەرلەر بىلەن يوقلىشىش بولسا قۇربان ھېيتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىدۇر.

 

ئۇيغۇرلار دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىڭ يىلدىن بۇيان بۇ ئەنئەنىنى جارىي قىلدۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ھەر يىلى قۇربان ھېيت كەلگەندە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بىلەن تەڭ بۇ كۈننى تەبرىكلەيتتى. قۇربان ھېيت ئۇيغۇرلارغا ئىسلام ئۈممىتىدىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسىلىق ئىپتىخارىنى ھېس قىلدۇرۇپ كەلگەنىدى. قۇربان ھېيت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جۇلاسى، ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ نامايەندىسى ئىدى.

 

قۇربان ھېيت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەشنالىق بىلەن كۈتىدىغان بىر كۈن ئىدى. يەتتە ياشتىن 70 ياشقىچە ھەر كىم بۇ كۈننىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتەتتى. چۈنكى بۇ كۈندە ھەممە شاتلىققا چۆمەتتى. ھەر يەردە ساما قاينايتتى. كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئۇرۇق-تۇققانلار بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشەتتى. دوستلار بىر-بىرىنى يوقلايتتى. بالىلار ھېيتلىق ئالاتتى. تېلېۋىزور-راديولاردا ئايەملىك سەنئەت پروگراممىلىرى قۇيۇلاتتى. قىسقىسى، ھېيت خۇشاللىقتىن، ئىناقلىقتىن ۋە مولچىلىقتىن دېرەك بېرەتتى.

 

ئەپسۇسكى، ئۇ كۈنلەر ئۆتمۈشكە ئايلاندى. ئۇيغۇرلار بۈگۈن ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزەلمەيدۇ. 70 يىلدىن بۇيان ئاتېئىست خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرۇپمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامىي كىملىكىنى ساقلاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بۈگۈن خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ئاچقان بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ.

 

خىتاي دائىرىلىرى 2017- يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى كىڭەيتىپ قۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى يولغا قويدى. نەتىجىدە، مىليونلىغان كىشى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا ئېلىپ كېتىلدى. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلدى. نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر ۋەيران قىلىندى. چەتئەل بىلەن ئالاقە قىلىش لاگىرغا تۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار شۇنىڭدىن بۇيان ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ئالاقە قىلالماي كەلدى. بۈگۈن ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇققان، -دوست-بۇرادەرلىرىگە تېلېفۇن قىلىپ، «ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن» دېگەن گەپنىمۇ قىلالمايدۇ.

 

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلەر بۇرۇنقىدەك ئايەم شاتلىقىغا چۆمەلمەيدۇ. ھەر يەردە ساما قاينىمايدۇ. كىشىلەرنىڭ چېھرىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلەنمەيدۇ. رادىيو-تېلېۋىزورلاردا ئايەملىك سەنئەت پروگراممىلىرى قويۇلمايدۇ. بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن ھېيتلىق ئالالمايدۇ. ئۇرۇق-تۇققانلار جەم بولالمايدۇ. دوست-بۇرادەرلەر بىر-بىرىنى يوقلىيالمايدۇ. ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان بۇ خۇشاللىقتىن مەھرۇم. چۈنكى ئۇلار يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدا، تۈرمىلەردە ئازاب چېكىۋاتىدۇ. زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ھېيتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن ھالدا چوڭ بولۇۋاتىدۇ.

 

بۈگۈن ئۇيغۇرلار بۇرۇنقىدەك ھېيتتا خۇشال بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ مەسچىتلىرى يىقىۋېتىلگەن، ئەنئەنىۋى ئۆيلىرى چېقىلغان، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى چەكلەنگەن، ناخشا-ئۇسسۇلچىلىرى تۈرمىلەرگە سۇلانغان. ھېيت نامىزىنى خاتىرجەم ئوقۇيالمايدىغان، ئ‍ۆز ئۆيىدە خاتىرجەم ئولتۇرالمايدىغان، بادام دوپپا، ئەتلەس كۆينەكلىرىنى ئەركىن كىيەلمەيدىغان، مىللىي ناخشا-ئۇسۇللىرىنى بەھۇزۇر ئورۇنلىيالمايدىغان بىر مىللەت قانداقمۇ ھېيتنى خۇشال ئ‍ۆتكۈزەلىسۇن؟!

 

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى ئاللىقاچان بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ بولدى. ئۇ يەردە ھەركىم ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى يوقۇتۇش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جۇلاسى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان قۇربان ھېيتنى ئۇيغۇرلار ئۆزى خالىغانچە ئۆتكۈزەلمەيدۇ.

 

ئۇيغۇرلار ھازىر ھېيتنىڭ كېلىشىنى بۇرۇنقىدەك تەشنالىق بىلەن كۈتمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار ھېيتنىڭ كېلىشىدىن قورقىدۇ. چۈنكى ھېيت ئۇلارغا بۇرۇنقىدەك خۇشاللىق ئاتا قىلمايدۇ. ھېيت ئۇلارغا ئازاب ۋە سېغىنىش ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇرلار ھازىر ھېيتتا باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ خۇشاللىقىغا ھەۋەس قىلىدۇ، ئۇلارغا ئوخشاش ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزۈشنى ئويلايدۇ-يۇ، ئەمما ھەر قانچە قىلىپمۇ خۇشال ئ‍ۆتكۈزەلمەيدۇ. ئۇلار بۈگۈنكى دۇنيادا ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزەلمەيدىغان بىردىنبىر مۇسۇلمان مىللەت.

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

(2023)-توكيۇدا 5-.ئېيۇل قىرغىنچىلىقى مۇناسۋىتى بىلەن نامايىش ئىلىپ بىرىلدى

يە ئىيۇل 2 , 2023
(2023)-توكيۇدا 5-.ئېيۇل قىرغىنچىلىقى مۇناسۋىتى بىلەن نامايىش ئىلىپ بىرىلدى

You May Like