شىۋىتسارىيەدە كەڭ كۆلەمدە بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن شىۋىتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھرىدە 24-نويابىر يانغىنى قۇربانلىرى ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

 شىۋىتسارىيەدە كەڭ كۆلەمدە بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 3-دېكابىر

بۈگۈن شىۋېتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھىرىدە 24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىنىڭ قۇربانلىرى ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھىرىدە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، شىۋىتسارىيەدىكى تىبەتلەر، تەيۋەنلىكلەر ۋە شىۋىتسارىيەلىكلەر كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىش شەرقى تۈركىستان ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلىنىپ جاراڭلىق شوئار سادالىرى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

نامايىشقا شىۋېتسارىيە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىدىن فابىئەننا كرەبىس، شىۋېتسارىيە تىبەت تەشكىلاتىدىن دانىيال ئاۇفشلاگەر، شىۋېتسارىيە تۈرك مەدەنىيەت ۋەقپى باشلىقى ئىدرىس ساراچ، يانغىن قۇربانلىرى ئائىلىسىدىن ئابدۇلھافىزلار قاتناشتى.

نامايىش زۇرىخنىڭ ئەڭ ئاۋات ھۆكۈمەت سارىيى كۆۋرۈكىدە ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش جەريانىدا سۆز ئالغان   فابىئەننا كرەبىس خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقلىق داۋاسى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى، ۋە يانغىن سەۋەبىنىڭ خىتاينىڭ دېكتاتورلاچە ئىنسانلىققا يات قىلمىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ يانغىن قۇربانلىرى ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى ئېيتتى.

نامايىش جەريانىدا يانغىن قۇربانى ئائىلىسىدىن ئابدۇلھاپىز بۇ يانغىننىڭ پەقەت تراگېدىيە ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، مەن ياۋروپا خەلقىگە ۋە پۈتۈن دۇنياغا بۇ يەردىن شۇنى دېمەكچىمەنكى : بۇ ئوت ئاپىتىدە قۇربان بولغىنى مېنىڭ ئائىلەم، ئەمما مەن بۈگۈن بۇ يەردە، بىز بۇ يەردە ئەسلىدە بۇ يانغىن ئاللىبۇرۇن پۈتۈن دۇنياغا تۇتاشتى، ئەمما بۇ يەردىكىلەر ۋە بىزنىڭ ئۆيىمىزگە تۇتاشمىغانلا يېرى بار! دېدى.

نامايىش باشتىن ئاخىر جاراڭلىق شوئار سادالىرى ئىچىدە ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

  

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

پارىژدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى يۈرۈش»تېمىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

يە دېكابىر 4 , 2022
پارىژدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى يۈرۈش»تېمىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

You May Like