شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى خىتاپنامىسى

1. شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى 1992 – يىلى تۈركىيەدە چاقىرىلغان <<شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى>>نىڭ 11 ماددىلىق قارارىنى داۋاملىق كۈچكە ئىگە دەپ قارايدۇ، د ئۇ ق تەرىپىدىن 2005 – يىلى 17 – ئىيۇل ئېلان قىلىنغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ مەۋجۇدلۇق ئاساسى، دۆلەت قۇرۇلمىسى ۋە خەلقارادىكى ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان <<ميۇنخېن خىتاپنامىسى>>نى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى جاكالايدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2018.11.8-10

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2018 – يىلى 8-10 – نويابىر كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، 22 دۆلەتتىن كەلگەن 250 دىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى، ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، سىياسىيۇنلار، مۇتىخەسسىسلەر، داڭلىق زىيالىلار، دىنىي زاتلار، دۆلەت ئەربابلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ياشلار ۋە ئاياللار ۋەكىللىرى قاتناشقان تۇنجى نۆۋەتلىك <<شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېگىشى>> يىغىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان مىللىي ۋە مەدەنىي قىرغىنچىلىقىغا، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كوللىكتىپ جازالاشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارشى تەدبىر ئېلىش، ئۆزگىرىۋاتقان خىتاي ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماس ھالدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىي قەدەم باسقۇچلىرى ھەم ئىستراتېگىيەلىرىنى بېكىتىش، خىتاينىڭ دۆلەت تېررورى سىياسىتى ئاستىدا مەۋجۇدلىقى خەۋپ ئاستىدا قالغان مىللىتىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەر ھەققىدە 3 كۈن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋە دۇنيا جامائىتىگە تۆۋەندىكى مۇراجىئەتلىرىنى جاكالاشنى قارار قىلدى:

1. شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى 1992 – يىلى تۈركىيەدە چاقىرىلغان <<شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى>>نىڭ 11 ماددىلىق قارارىنى داۋاملىق كۈچكە ئىگە دەپ قارايدۇ، د ئۇ ق تەرىپىدىن 2005 – يىلى 17 – ئىيۇل ئېلان قىلىنغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ مەۋجۇدلۇق ئاساسى، دۆلەت قۇرۇلمىسى ۋە خەلقارادىكى ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان <<ميۇنخېن خىتاپنامىسى>>نى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى جاكالايدۇ.

2. شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنى قۇتۇلدۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەم دىنىي مەۋجۇدلىقىنى قوغداش، ھەقلىق دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش يولىدا كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقارالىق ئورگانلاردا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۈرۈشتە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە، شۇ ئەللەردىكى خىتاي تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى قوغداشقا، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىدۇ.

3. شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ھەمكارلىشىۋاتقان غەرب شىركەتلىرىنى ئۆز سىياسەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كۆچۈرۈشكە، شەرقىي تۈركىستاندا تىجارى پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان شىركەتلەرنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان كوللىكتىپ جازالاش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە تېخنىكا تەمىنلەش يولى بىلەن شېرىك بولغان شىركەتلەرگە قارىتا قانۇنىي مەسۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىش ھەققىنى قانۇنىي يوللار بىلەن ئىشلىتىشكە ھەردائىم تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

4. شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئىتىقادىنى تۈپتىن يوقىتىش، دىنىي مۇقەددىساتلىرىنى ۋەيران قىلىش، دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىۋاتقان، ھەتتا خەلقارا سەھنىلەردە خىتاينى قوللاش پوزىتسىيىسى تۇتىۋاتقان تۈرك ۋە ئىسلام ئەللىرىگە بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلەش، ئۇلارغا ئىلاھىي ئادالەتنى خاتىرلىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، بارلىق ئىسلام ئەللىرى ۋە ئىسلام ئىش بىرلىكى تەشكىلاتلىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئادالەتسىز مەيدانىدىن ۋاز كېچىشكە، سۈكۈتلىرىنى تەرك ئېتىپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان دىنىي دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئاشكارە ئىتىراز بىلدۈرىشكە چاقىرىدۇ، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئىگە چىقىشقا تېرىشقان، خىتايغا قارشى نامايىش يوللىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەن مۇسۇلمانلارغا ئالاھىدە رەھمىتىنى ئىزھار قىلىدۇ.

5. شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق قارارغا باغلانغان ۋە ئىجراغا سۇنۇلغان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ يول خەرىتىسىدىكى كۈرەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىلەشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش ئارقىلىق، مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

6. شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم – قىزلارنىڭ مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتىكى خانىم – قىزلارنىڭ كەلگۈسى كۆرەش سېپىمىز مۇھتاج بولغان تېخىمۇ كۆپ قەھرىمان پەرزەنتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە بولغان مەسۇلىيەتنى تولۇق تونۇپ، ئەۋلادلارنى ۋەتەن سۆيگۈسى، پىداكارلىق ۋە مىللىي ئاڭ بىلەن تەربىيىلەشكە يەنىمۇ كۆپ ئەجىرلەر سەرىپ قىلىشقا چاقىرىدۇ.

7. شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ياشلارنىڭ مىللىي دەۋادا ئويناۋاتقان ئاۋاڭارتلىق رولىغا ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى ھەر ساھەدىكى ئىجادچانلىق، تېخنىكىلىق ئەۋزەللىك، تېرىشچانلىق ۋە پىداكارلىق بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا يەنىمۇ زور غەيرەتلەر كۆرسىتىشكە چاقىرىدۇ ھەمدە ياشلار ھەرىكىتىنى ماددىي، مەنەۋىي، تەشكىلىي جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

8. شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلىرى، ئىتنىك ۋە مەدىنىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنىڭ جاۋاپكارلىرىنى خەلقارا ئادالەت مەھكىمىسىدە جازالاشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە خەلقارا قانۇنچىلاردىن تەركىپ تاپقان مەخسۇس بىر مۇتىخەسسىسلەر كومىتېتى تەسىس قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

9. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى خەلقارا مەتبۇئاتنىڭ قىززىق تېمىسىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگىرلىرى مەسىلىسىنىڭ دائىما كۈنتەرتىپتە تۇرىشى ھەم تېخىمۇ كۈچىيىشى ئۈچۈن ئاخبارات ۋاستىلىرىنى دەلىل – ئىسپاتلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە دەۋەت قىلىدۇ.

10. شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى پەۋقۇلاددە ئەھۋاللار ئاستىدا جىددىي يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، زۆرۈر بولغان چارە – تەدبىرلەر ۋە قارارلار قوبۇل قىلىدۇ.

1 – نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى

2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى

گېرمانىيە / ميۇنخېن

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

خىتاينىڭ يەنە بىر تارىخى سەپسەتىسى: ئۇيغۇر تارىخىنى توغرا تونۇش كېرەك

يە نويابىر 11 , 2018
ئىلاۋە: ساختلىق ، يالغانچىلىق ۋە نۇمۇسسىزلىق تارىختىن بېرى خىتاي دۆلەت سىياستىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولۇپ كەلمەكتە. بۇنى باشقىلار قانداق شەكىلدە ئىلمي ئاتاشقا تىرشسۇن ، لىكىن ئەڭ بىۋاستە، قىسقا ۋە چۈشىنشلىك ئاتاش ئۇسۇلى يۇقارقىدەك ئاتاشتۇر. خىتاي تارىخىدىكى ئەمىنيە ۋە يېغىلىق دەۋرىدە شەكىللەنگەن ھىيلە ـ نەيرەڭۋازلىق ، ئالدامچىلىق ، ۋاستە تاللىماسلىق، قارانىيەت ۋە قېلىنلىق ئاللىقاچان خىتاي ھاكىمىيەت سىستىمسىنىڭ دەستۇرىغا ئايلىنىپ كەتتى ۋە خىتاي بۇلارنى پەم ـ پاراسەت ۋە قالتىس تاكتىكا دەپ ماختىنىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ قايسى سۇلالسى ياكى ھۆكۈمىتى ھاكىميەتنى قولغا ئىلشىدىن قەتئىينەزەر ، ئوزۇقلانغ

You May Like