قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا چېگرا كىلىشمى ئىمزالاندى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 13-مارت

مەنبەسى: ئامېرىكا ئاۋازى

ب د ت باش كاتىپى ئانتوونىيو گۇتېررىش قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان دۆلەت چېگراسى ھەققىدىكى شەرتنامىنى «تارىخىي بۆسۈش» دەپ مەدھىيەلمەكتە.

ئىككى دۆلەت چېگراسىدا 2021-يىلى تاقالغان «قىزىل-بەل» ۋە «قايراغاچ» كونترول-ئۆتكۈزۈش پونكىتلىرى قايتا ئېچىلىدۇ. 14-مارتتىن باشلاپ بىشكەكتىن دۇشەنبە ۋە خوجەندكە ھاۋا قاتنىشى يولغا قويۇلىدۇ.

گۇتېررىس تەبرىك باياناتىدا قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا «ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق»قا ئاساسلانغان ئىجابى ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا ئۈمىد بىلدۈردى.

پرېزىدېنت ئېمام ئەلى رەھماننىڭ بىشكەككە قىلغان زىيارىتى داۋامىدا ئون نەچچە ھۆججەت، جۈملىدىن دوستلۇق ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى مۇستەھكەملەش ھەققىدىكى بىرلەشمە بايانات ئىمزالاندى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا ئىلگىرى كۆپ قىېتىم چېگرا مەسلىسى سەۋەبلىك كىچىك سۈركىلىشلەر يۈز بەرگەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

پارتلاتقۇچ: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەسئۇل تايلاند ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلدى

جۈ مارت 14 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 14-مارت ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى باش كاتېۋى ماركۇ رۇبىئو 14-مارت كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەسئۇل تايلاند ئەمەلدارلىرىنى ئامېرىكىغا كىرىشتىن چەكلەش جازاسى ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «مەن دەرھال بۇ سىياسەتنى يولغا قويۇپ، 27-فېۋرالدا تايلاندتىن 40 ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي قايتۇرۇشقا مەسئۇل ياكى شېرىك […]
Marco Rubio-Uyghur

You May Like