Home دۇنيائوتتۇرا ئاسيا ئۆزبېكىستان پىرەزدىنتى شەۋكەت مىرزىيايېف

ئۆزبېكىستان پىرەزدىنتى شەۋكەت مىرزىيايېف

by uyghurtimesuyghur
شەۋكەت مىرزىيايېف

  

شەۋكەت مىرزىيايېف-ئۆزبېكستان پىرەزدىنتى، ئۆزبەكستان قوراللىق كۈچلىرى (Armed Forces of Uzbekistan )نىڭ باش قوماندانى.ئۇ 2003-يىلدىن 2016-يېلغىچە باش ۋەزىر (باش منستىر )بولغان.

شەۋكەت مىرزىيايېف، 66 ياش. 1957-يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى جىزاقتا تۇغۇلغان. 1981-يىلى تاشكەنت يېزا ئىگىلىك-سۇچىلىق ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى ئىنۇستىتۇتىنىڭ ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، تېخنىكا ئىلمى بويىچە دوكتور كاندىداتى.

 1981-يىلدىن 1990-يىلغىچە تاشكەنت يېزا ئىگىلىك-سۇچىلىق ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى ئىنۇستىتۇتىدا ئوقۇتۇش-تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

1980-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، سۆۋىت كومپارتىسيگە ئەزا بولۇپ، 1990-يىلى ئۆزبېكستان ئالى سۆۋىتلەر ئېتتپاقىغا مۇئاۋىن بولۇپ سايلانغان.

1992-يىلدىن 1996-يىلغىچە تاشكەنت مىرزائۇلۇغبېك رايونىنىڭ باشلىقى بولغان. 1996-يىلدىن 2003-يىلغىچە جىزاق ئوبلاستى ۋە سەمەرقەنت ئوبلاستىنىڭ باشلىقى بولغان.

  2003-يىل 12-ئايدا باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن. 2005-يىل 2-ئاي، 2010-يىل 1-ئاي، 2015-يىل 2-ئايدا ئۇدا ئۈچ قېتىم ۋەزىپە ئۆتىگەن.

2016-يىلى ئۆزبېكستان پېرەزدىنتى ئ‍سلام كەرىموۋ ئۆلگەندىن كىين، ئالى مەجلىس تەرىپىدىن مۇۋەققەت پىرەزدىنتلىققا تەيىنلەنگەن.

2016-يىل 12-ئايدا پىرەزدىنتلىققا سايلانغان. 2021-يىل 10-ئاي، 2023-يىل 7-ئايدا ئۇدا ئىككى قېتىم سايلامدا غەلىبە قىلىپ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.

  توي قىلغان، ئىككى قىزى، بىر ئوغلى بار.

سياسى ئ‍سلاھات:

شەۋكەت چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۇ ئۆلۈم جازاسنى بېكار قىلغان ۋە ئەڭ قەبىھ تۈرمە ھېسابلانغان جاسلىق تۈرمسنى تاقىۋەتكەن. كەرىموۋ دەۋرىدە قامالغان سياسى مەھبۇسلارنى قويۇپ بەرگەن. ئېقتسادى جەھەتتە لىبرال تۈزۈم يولغا قويۇپ، چەتئەلنىڭ مەبلەغ سلىشى ئۈچۈن ئىلھام بەرگەن، دىپلوماتىيە جەھەتتە، روسيە، ختاي، ئامېرىكا، ياۋروپا، ھىندستان، تالىبان ،ئىران ۋە باشقا تۈركى قوشنىلىرى بىلەن ھەممە بىلەن ئوخشاش ياخشى ئۆتۈش، ھىچكىمنى خاپا قىلماسلىق سياستىنى يولغا قويغان.

تۈرك ۋە ئۇيغۇر مەسلىسى مەيدانى:

شەۋكەت تۈرك دۇنياسغا ئالاھىدە يېقىنلاشقان، بارلىق تۈرك قوشنىلىرى بىلەن ئاكتىپ كۆرۈشۈپ، مۇناسۋەتنى ياخشلىغان. ئ‍ۆزبەكستاننىڭ نوپۇس ۋە مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، تىچ شەكىلدە كۈچىيش سياسىتى ئوتتۇرىغا قويغان.تۈركىيەنى باراۋەر قىرىنداش سۈپەتتە كۆرۈپ، ئۆزبەكستاننىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايىش قىلغان.

ئۇيغۇر مەسلىسدە ئىزچىل ختاينى قوللاپ، ب د ت دا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئاۋاز بەرگەن، ئۈرۈمچى، قەشقەر بويلاپ ئ‍ۆزبەكستان-شنجاڭ سودا ھەمكارلىق سەھنىسگە ئاكتىپ قاتنىشپ، ختاينىڭ ئېقتسادى ئەۋزەللىكى، سودا ۋە تېخنىكىسدىن تىز سۈرئەتتە پايدىلىنىش سياسىتى يۈرگۈزگەن.ئۇ قىرغىزستان ۋە قازاقستان بىلەن ئوخشاش ھالدا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئەڭ ئاكتىپ قوللاۋاتقان تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بىرى ھسابلىنىدۇ.

مۇناسۋەتلىك تېمىلار

Leave a Comment