ئۇيغۇرلار قىرغىنچلىقتا يېغلايدۇ، قازاقلار بېشىغا كىلىپ ئۇسۇل ئوينايدۇ!

ختاي شنخۋا ئاگېنتلىقى ۋە قازاقستان ئاستانە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشغا ئاساسلانغاندا، قازاقستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئۇسۇل ئۆمەكلىرىدىن بىرى بولغان قازاقستان سۇلتانە دۆلەتلىك ئۆمەك 24-ئ‍يۇل مۇستەملىكە ۋە قىرغىنچىلىق ئاستىدىكى ئ‍ۇيغۇرستاننىڭ تۇرپان ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە ئويۇن قويغان بولۇپ، قازاقستان بىلەن ختاي ئارسدىكى ئېقتساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.

 
تۇرغۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 28-ئيۇل
ختاي شنخۋا ئاگېنتلىقى ۋە قازاقستان ئاستانە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشغا ئاساسلانغاندا، قازاقستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئۇسۇل ئۆمەكلىرىدىن بىرى بولغان قازاقستان سۇلتانە دۆلەتلىك ئۆمەك 24-ئيۇل مۇستەملىكە ۋە قىرغىنچىلىق ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاننىڭ تۇرپان ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە ئويۇن قويغان بولۇپ، قازاقستان بىلەن ختاي ئارسدىكى ئېقتساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.
قازاقستان ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشتىكى مۇھىم شىرىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، قازاقستان ھۆكۈمىتى «ختاينىڭ شنجاڭدىكى تەرەققىيات ئۈچۈن باسقان قەدەملىرىنى قوللايمىز » دەپ بايانات بەرگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىزچىل ختاينى قوللاپ،ئۇيغۇرلارغا قارشى ئاۋاز بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى.
2021-يىلى قازاقستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىۋى بىلەن ختاي 2000 دىن ئارتۇق قازاقنى غۇلجا ۋە ئالتاي شەھەرلىرىدىن قازاقستانغا يولغا سىلىپ قويغان.ئەمما ئۇيغۇرلار ئىرقى قىرغىنچىلىقىنڭ ئاساسى قۇربانى بولۇپ،ئۇلار ھەققىدە ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
قازاقستان بىلەن ختاينىڭ سودا سوممىسى ئۆتكەن يىلى 23 پىرسەنت ئاشقان بولۇپ، 31 مىلىيارد دوللارغا يەتكەن.

Uyghur Reporter

Next Post

تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش»ناملىق كىتاۋى نەشر قىلىندى

سە ئاۋغۇست 1 , 2023
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگىنىتلىقى، 1-ئاۋغۇست ئۇيغۇر شائىرى، يازغۇچى، رىژىسور تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ « «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش»ناملىق ئەسلىمە ئەسەر پېنگىۋىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ بازارغا سلىندى. مەزكۇر كىتاپ-تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ 2017-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش، تۇتۇشلىرى ۋە بىر يۈرۈش جىنايى قىلمشلىرى ئىنچىگە سۈرەتلەنگەن ئەسلىمە […]
تاھىر ھامۇت ئىزگىل

You May Like