قاتار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدا 27 يىللىق سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز بىلەن تەمىنلەش توختامى تۈزۈلدى

دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈلۈش جەريانىدا قاتار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدا زور سوممىدىكى توختامنامە تۈزۈلدى.

 قاتار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدا 27 يىللىق سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز بىلەن تەمىنلەش توختامى تۈزۈلدى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 21-نويابىر

دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈلۈش جەريانىدا قاتار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدا زور سوممىدىكى توختامنامە تۈزۈلدى. 

«فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ 21-نويابىر خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۈگۈن خىتاي بىلەن قاتار ئوتتۇرىدا توختامنامە تۈزۈلۈپ، قاتارنىڭ خىتاينى 27 يىل سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىشى كاپالەتلەندۈرۈلگەن.

قاتار ئېنېرگىيە مىنىستىرى Saad Sherida Al-Kaabi بۈگۈن بايانات بېرىپ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قاتار ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ «خىتاي نېفىت خىمىيە» شىركىتىگە ھەر يىلى 4 مىليون توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا توختام تۈزۈلگەنلىكىنى، توختامنىڭ 27 يىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ يەنە مەزكۇر توختامنىڭ تارىختىكى (سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سودىسىنى كۆزدە تۇتقان) ئەڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مال تەمىنلەش توختامى ئىكەنلىكىنى دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتە قاتارغا بولغان ئېھتىياجى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، ئەمما قاتار بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىدىكى سۆھبەتلەر ئىزچىل ھالدا ئۈنۈمگە ئېرىشمەي كەلگەن. چۈنكى گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ياۋروپا دۆلەتلىرى قاتارنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك توختام ئىمزالىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىكەن.

نۆۋەتتە قاتار دۇنيادىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشتا ئەڭ ئالدىدىكى دۆلەت بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن تەڭ دەرىجىدە تۇرىدىكەن. «خىتاي نېفىت خىمىيە» شىركىتى باش لېدىرى ما يوڭشىېڭ بۇ توختام ھەققىدە بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: « بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك توختام بولدى…قاتار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تەمىنلەش دۆلىتى، خىتاي بولسا قاتارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىمپورت دۆلىتى.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسىگە خىتاينىڭ جىنايى ئىسپاتلىرىنى سۇندى

چا نويابىر 23 , 2022
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسىگە خىتاينىڭ جىنايى ئىسپاتلىرىنى سۇندى

You May Like