ئوقۇتقۇچىلار دىنلىرىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلانغان بولۇشى مۇمكىن

ئاتالمىش ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› نىڭ 2019-يىلى 18-يانۋاردىكى بىر خەۋىرىدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى خۇمار قۇرباننىڭ دىننى ئەسەبىيلىكنى تەلتۆكۈس تازلايمەن ناملىق ئىدىيۋى پوزىتسىيىسى ئېلان قىلىنغان .

2019- يىلى 19- يانۋار

تەييارلىغۇچى: ئىقبال

كوررېكتور: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئاتالمىش ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› نىڭ 2019-يىلى 18-يانۋاردىكى بىر خەۋىرىدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى خۇمار قۇرباننىڭ دىننى ئەسەبىيلىكنى تەلتۆكۈس تازلايمەن ناملىق ئىدىيۋى پوزىتسىيىسى ئېلان قىلىنغان .

 يازمىدا خۇمار قۇربان ئېتىقادىنىڭ كوممۇنىزم ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان: ‹‹بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ ئېتىقادىم كوممۇنىزم، مەن سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قەتئىي ھالدا ئىسىم قويۇش، خەتنە توي، توي، ئۆلۈم- يېتىم قاتارلىق مىللىي ئۆرپ- ئادەت پائالىيەتلىرى بىلەن دىننىڭ چەك- چېگراسىنى تەلتۆكۈس ئايرىپ، ئىدىيەدە، ھەرىكەتتە پارتىيىگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى نامايان قىلىمەن.››

گەرچە مەمۇر ئۇيغۇرلار ئاتالمىش ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىدە سىياسى پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن دىننى ۋە مىللى مەپكۈرەسىگە زىت بەزى سۆز ئىبارىلەرنى قوللانسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەر ئۇلارنى مەجبۇرلانغانلىق ياكى چارىسىزلىققا باغلاشقا تىرىشىدۇ. يازمىنى يازغۇچى بىر مائارىپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈچ خىل كۈچنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى مىللى بۆلگۈنچىلىككە، ھەرىكەتنىڭ ئىدىيۋى كۈچىنى دىنىغا چېتىشقا ئۇرۇنغان. ئارقىدىن ئىككى پان ئىبارىسى ئارقىلىق يازمىسىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان. يازما بىرقەدەر ئۇزۇن ۋە ئەتراپلىق يېزىلغان بولۇپ مەزمۇنلار ئوقۇرمەننى بىر ئاز بىئارام قىلىدۇ. ئەمما، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››، خەلق تورى، تەڭرىتاغ تورى، مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى… قاتارلىق خەۋەر بەتلىرىنىڭ ئۆگىنىش، ئوبزور كۆزنەكلىرىدىمۇ ئوخشاش تېمىنى چۆرىدىگەن يازمىلار بولۇپ، ئوخشىمىغان ئاپتورلارنىڭ ئىشلەتكەن سۆز ئىبارىلىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ ئۇيغۇر مەمۇرلارنىڭ بۇ خىل ۋەدىنامە، تەكشۈرۈشنامىلەرنى يېزىشقا مەجبۇرلانغانلىقى، شۇڭا ئۇيەر بۇيەردىن كۆچۈرۈپ يازغانمىدۇ دىگەندەك تۇيغۇلارغا يول ئاچىدۇ.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا مەيلى 2010- يىللاردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى بولسۇن ۋەياكى يېقىنقى ئىككى يىلدىكى سىياسى بېسىملارنىڭ ئېشىش مەزگىلى بولسۇن، ئۇيغۇر مەمۇرلارنىڭ بۇخىل يازمىلارنى ئۆزلىكىدىن يازىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا مەجبۇرلىنىدۇ. تەكرار- تەكرار يېزىۋەرگەچكە، زېرىككەن مەمۇرلار بىر بىرىنىڭ يازغان يازمىلىرىنىڭ جۈملە ئابزاسلىرىنى ئىلگىرى- كىيىن ئالماشتۇرۇپ يېزىپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە تېرىشىۋېتىپتۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

مەنبە:

http://uy.ts.cn/system/2019/01/17/035534089.shtml

 

 

UT-Uyghur Reporter 14

Next Post

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت قىيىنچىلىقى ھەققىدە چاقىرىق

شە يانۋار 19 , 2019
2019- يىل 7- يانۋار، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى " قۇتۇلغىلى بولمايدىغان قاباھەتلىك چۈش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان ئازاپلىق تاللاش" دىگەن تېمىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان پاسپورت مەسىلىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە يورۇتۇپ بەردى. بۇ خەۋەرنىڭ ئەسلى نۇسخسى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تور بېتىدە[i] ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تور بېتىدە[ii] بار.

You May Like