ختاي «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى»كىملىكى ئارقىلىق ئ‍ۇيغۇرلار قاتارلىق مىللەتلەرنى يوقتىش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە

ئەنۋەرجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 27-دېكابىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرشىچە، ختاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 2023-يىلى كۆپ قېتىم ختاينى ئايلىنىپ، ختاي «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى»كىملىكى نەزەرىيسى ھەققىدە مەخسۇس يېغىن ئاچقان ۋە سۆزلىگەن.

«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» بولسا- ختاي ھاكېمىيتىنىڭ ختاي بولمىغان مىللەتلەرنى سۈمۈرۈپ يوقتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان يېڭى نەزەىيە بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى ۋە ئىلىپ بىرىۋاتقان قىلمىشلىرى يېڭى ئەمەس.

ئۇ 92% نى ئىگەللەيدىغان ختاي مىللىتىنىڭ نامى، ئىدىيەسى، تۇرمۇش ئ‍ۇسۇلىنى باشقا مىللەتلەرگە تاڭىدىغان ، باشقا مىللەتلەرنى ئۆزىدىن ۋاز كەچتۈرىدىغان غەرەزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ختاي كومپارتىيسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ختاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە يۈننەندە  مۇنداق دىدى: مىللەتلەر، دىن خىزمىتى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە جەزمەن ياخشى ئىشلەشكە تېگىشلىك مۇھىم، زور خىزمەت، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مىللەتلەر، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   يۈننەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىللەت، دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرگەچكە مىللەت، دىن ساھەسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىناق، مۇقىم بولدى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى نەزەرىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تىرىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ قائىدە قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى بېكىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى34 مىليون 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالغان 

چا دېكابىر 27 , 2023
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى تيەن يۈجۈننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى قاراپ چىقتى.   گۇيجوۋ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى:« 2011-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە جاۋابكار تيەن يۈجۈن شەندۇڭ ئۆلكىسى […]
تىيەن يۇجۇن

You May Like