نۇرى تۈركەل دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى 100 نەپەر تەسرى كۈچلۈك شەخسلەر قاتارىغا تاللاندى

ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر ئادوۋكات، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى كومسسارى، ئۇيغۇر ئ‍نسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى مۇدىرىيەت رەئىسى نۇرى تۈركەل ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تەرىپىدىن «دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» قاتارىغا تاللانغان

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى،
2020.يىلى 22-سىنتەبىر، ۋاشنگىتون

 

ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر ئادوۋكات، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى كومسسارى، ئۇيغۇر ئ‍نسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى مۇدىرىيەت رەئىسى نۇرى تۈركەل ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تەرىپىدىن «دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» قاتارىغا تاللانغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلىغا نۇرى تۈركەل ھەققىدە مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يازغان «…نۇرى تۈركەل ئامېرىكا ۋە يەرشارى مېقياسدا ئۇيغۇر كرىزسىغا ئىنكاس بىلدۈرۈشتە تەسر كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى جانلاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئۇنۋېرسال ئ‍ىنسانىي غورۇرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان بىر رەھبەر.»

 

دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق سياسىي تەقرىز ژۇرناللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى مۇھىم ۋە تەسرى كۈچلۈك شەخسلەرنى باھالايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ژۇرنالدا تەسرى كۈچلۈك بولۇپ باھالىنىشى تۇنجى قېتىم بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ بىر پەللە ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپ ھسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى مۇدىرىيتى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا سالامەتلىك ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

تۈركىيە ھەپتىلىك مۇھىم خەۋەرلەر .2020-09-23

چا سېنتەبىر 23 , 2020
* % 50 تۈرك ياشلىرى چەتئەللەردە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ

You May Like