Home سىياسەتئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى زۇمرەتئاي ئەركىن ئامېرىكا سابىق پىرەزدىنتى فىرانكلىن روزىلۋىىت فوندىنىڭ 2024-يىللىق «ئېتىقاد ئەركىنلىكى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

زۇمرەتئاي ئەركىن ئامېرىكا سابىق پىرەزدىنتى فىرانكلىن روزىلۋىىت فوندىنىڭ 2024-يىللىق «ئېتىقاد ئەركىنلىكى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

by uyghurtimesuyghur
زۇمرەتئاي ئەركىن

تەييارلىغۇچى: تۇرسۇنئاي، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

1941-يىلى سابىق ئامېرىكا پىرەزدىنتى فرانكلىن روزىۋىلىت تەسس قىلغان تۆت ئەركىنلىك مۇكاپاتى ئۇنىڭ نامىدا قۇرۇلغان «روزىلۋىت فوندى» ئارقىلىق ھەر يىلى دۇنيا بويلاپ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە كۆرەش قىلغان تۆھپىكارلارغا تۆت ساھە بويىچە «سۆز ئەركىنلىكى»، «ئېتىقات ئەركىنلىكى»، «مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلۇش» ۋە «تەھدىتتىن قۇتۇلۇش»مۇكاپاتلىرىنى تارقېتىدۇ.

بۇ يىلى مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى»مۇكاپاتى تۈرى -دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى خەلقئارا ھېمايىچىلىق پىروگراممىسى دىرىكتورى ، ئۇيغۇر قىزى زۇمرەتئاي ئەركىنگە بىرىلگەن.

مەزكۇر فوندى ئىلان قىلغان ئاخباراتقا ئاساسلانغاندا، زۇمرەتئاي ئەركىن 11-ئاپرىلدا باشقا ئۈچ كىشى بىلەن بىللە مۇكاپات قوبۇل قىلىدىكەن.

مەزكۇر ئورگان مۇكاپات بىرىش سەۋەبىدە، زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيدىكى خىزمەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى ۋە ئىنسانى ھوقۇقى ، مەدەنىيتىنى قوغداش جەھەتتە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى تەقدىرلىگەن.

مۇناسۋەتلىك تېمىلار

Leave a Comment