مەت تاكىر: 21- ئىيۇل خەلقئارالىق نامايىشقا چاقىرىق!

مىنىڭ ئىسمىم مەت، مەن ئامرىكىنىڭ فىلادىلفىيا شەھرى ئەتراپىدىكى فورج مەھەللىسىدە تۇرىمەن. مەن نۆۋەتتە 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىش ھەرىكىتى قوزغاش ئۈچۈن ياردەمدە بولىۋاتىمەن.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

2019-7-12

 

سالام كۆپچىلىك!

مىنىڭ ئىسمىم مەت، مەن ئامرىكىنىڭ فىلادىلفىيا شەھرى ئەتراپىدىكى  فورج مەھەللىسىدە تۇرىمەن. مەن نۆۋەتتە 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىش ھەرىكىتى قوزغاش ئۈچۈن ياردەمدە بولىۋاتىمەن.

 

ئاقكۆك19#

ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن بىز ھەممەيلەندىن بۇ يازدا ئاق ۋە كۆك ئارىلاش رەڭلىك كىيىم كىيىشىنى، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاقكۆك رەڭ پۈتۈن مىدىيالاردا تارالسا، باشقىلارنىمۇ بۇ ھەرىكەتكە قېتىلىشقا جەلىپ قىلساق تولىمۇ ياخشى ئىش بولىدۇ.

 

يىڭىلىقلار ۋە نامايىش ئورۇنلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى فەيىسبۇك سەھىپىسىگە ئەگىشىۋىلىڭ.

facebook.com/uighurwhiteblue19

 

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن پەقەت بىرلا كىشى كىتىدۇ! بەزى شەھەرلەردە پەقەت بىرلا كىشى بەلگە تاختىلارنى 30 مىنۇت تۇتۇپ تۇرسىلا بولىدۇ. بىر ئادەم ھەرىكەتكە كەلسە تېخىمۇ كۆپ ئادەم قېتىلىدۇ.

 

بىز بۇ يازادا ھەر خىل گۇرۇپلاردىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى قېتىلىشقا چاقىرىق قىلىۋاتىمىز. ( خوڭكوڭ، تەيۋەن، سۇدان، ۋىنسۇئىلا، تىبەت، ياپون، جورجىيا، ئالجىرىيە، چىخ)

 

#Uighur4HK , #Uighur4Sudan  دىگەندەك ھاشتەگلەر ئارقىلىق، مەزلۇملارنىڭ ئۆز- ئارا ھەمكارلىشىپ، ياردەملىشىپ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئىنسانىيلىقى ئويغاق كىشىلەرنىڭ قەلبى يۇمشايدۇ.

ھەربىر نامايىش ئوخشىمىغان  شەكىلدە بولسا بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ يەرلىك نامايىشىغا ئۆزىڭىز ئىگە بولۇڭ، ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىڭ!

 

ھەرقانداق سۇئالىڭىز ياكى پىكرىڭىز بولسا مىنى ئىزدەشتىن قەتئىي تارتىنماڭ!

 

ھۆرمەت بىلەن:

مەت تاكىر

Matt J Tucker

610 203 1824

live in Valley Forge outside of Philadelphia USA

twitter.com/mattjtucker55

facebook.com/mattjtucker55

mattjamestucker55@gmail.com

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

سىنگاپور مېدياسى: سەئۇدى ئەرەبىستان، روسىيە قاتارلىق 37 دۆلەت بىرلىكتە خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى قوللاپ مەكتۇپ يازدى

شە ئىيۇل 13 , 2019
ياپونىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) سىياسىتىنى ئەيىپلىگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان، روسىيە قاتارلىق 37 دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى خىتاينىڭ سىياسىتىنى قوللاپ مەكتۇپ يازغان.

You May Like