ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىس سايلىمىنى كىچىكتۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىس سايلىمىنى كىچىكتۇرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىس سايلىمىنى كىچىكتۇرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن پىدائ‍يلار تەييارلىدى.

(بۇ يازما ئۇيغۇر ئاگىېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ،جامائەتنىڭ مەيدانى ئۇچۇن پىكىر ھازىرلاندى.بۇنىڭغا ئىنكاس بولسا،ئەۋەتسڭىز ئوخشاش ئىلان قىلىمىز)

2019-يىلى 12-ماي،ۋاشنگىتون.

12-ماي كۇنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى-ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى نامىدا ئۆتكۇزۇلگەن فايىر فاكىسقا جايلاشقان «ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر مەركىزى»گە توپلىشپ، ئىپتارلىق قىلدى.ئىپتاردىن كىين تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ رامىزان ئۈچۈن داستىخان سالغان ئائىلىلەرگە رەھمەت ئىيىتتى.ئۇنىڭ سۆزىدىن كىين كۆپچىلىك «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ رەئىس سايلىمى قائىدە بويىچە ھەر ئۇچ يىلدا بىر قېتىم بەشىنچى ئايدا  ئۆتكۇزەلەتتى، بۇ يىل قاچان ئۆتكۇزۇلىدۇ؟>>دەپ سورىدى، ئىلشات ھەسەن ئەپەندى: بىز كۆپ ئويلىشپ، سايلام ۋاقتىنى كىچىكتۇرۇشنى قارار قىلدۇق، سايلام 11-ئايدا ئۆتكۈزۇلىدۇ » دەپ جاۋاپ بەردى. «نېمە ئۈچۈن» دەپ سورىغان سۇئالغا:ئالدى بىلەن مەن ئالدىمىزدا تەيۋەنگە يېغىنغا بارىمەن، ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىنىيڭ ھەپتىلىك پائالىيتى مۇشۇ يەردە ئۆتكۇزۇلىدۇ، شۇڭا ئالدىراش بولىمىز -دەپ جاۋاپ بەردى. كىين ئالدىراش ئىشى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇرۇن ئايرىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى-ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى 1998-يىلى ۋاشنگىتوندا قۇرۇپ چىققان، ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن پائالىيەت قىلىپ كىلىۋاتقان بىر قەدەر نوپۇزلۇق تەشكىلات بولۇپ، خىزمەت دائىرسى ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى، ئىجتىمائى پائالىيتىگە يتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

كۆپچىلىك ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ ھەيئەت ئەزاسى دىلمۇرات سۇلايمان ئەپەندىدىن ««بىرلەشمىنىڭ بۇ سايلامنى كىچىكتۇرۇش قارارىنى بەرگەن ھەيئەت ئەزالار كىملەر ؟ -دىگەن سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك يەنە مونۇلارنى باشقا ھەيئەت ئەزالىرىغا بىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى: ھەر كۇنى بىز ئۇچۇن بىر ئۇرۇش كۇنى ، جەڭ ۋاقتىدۇر. ختتاي خەلقىمىزنى بىر كۇن توختاتماي قىرغىن قىلىۋاتىدۇ، ھازىر بۇرۇنقى چاغلارغا ئوخشمايدۇ، خيالىي يۇرسەك بولمايدۇ، قىلىدىغان خىزمەت ناھايتى كۆپ، ھازىر ۋەتەندە 3 مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگىردا، تۈرمىدە، بالىلىرىمىز ئايرۋىتىلگەن، ئاياللار مەجبۇرى ختتايلار بىلەن تويلىششقا  زورلانماقتا ياكى زوراۋانلىققا ئۇچرىماقتا، مەھبۇسلىرىمىز ئىچ ئەزالىرى ئەتكەس قىلىنماقتا.مىللەتنىڭ ئەھۋالى خەتەر ئ‍ېچىدە،سايلامنى كىچىكتۇرۇشنىڭ ھىچقانداق يوللۇق سەۋەبى يوق ئىكەن. كىچىكتۇرۇش خاتا،ئامېرىكا ۋەتەن-مىللەت داۋاسىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر جاي تۇرۇقلۇق، بۇ يەردە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ئىنتايىن ئاز، مۇقىم ئىشلەيدىغان ئادەم يوق، قوشۇمچە خىزمەت بولۇپ قالدى. ياكى سستىملىق بىرەر باياناتچىسى يوق، ئارىلاپ سۆزلەيدىغان لېكسيەچىسى يوق، بالىلارنى تەربىيلەيدىغان بىر ئۇستاز ياكى مەركەز يوق، ۋەتەندە ئۇيغۇرلار ئۆلۈۋاتسا، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى مۇشۇ ئىككى يىلدا ئەڭ كۆپ پارچىلارغا بۆلۇندۇق،ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇلارنى بىرلەشتۇرۇشى كىرەك ئىدى،بىز بۇ يەردە سوقۇشۇپ، مۇنازىرلىشپ، ھەتتا مىللەت بىلەن كارى يوق خيالى ياشاۋاتىمىز. بۇنداق كىتىۋەرسە تارىخى جىنايەتچىگە ئايلىنىمىز.بىزگە كىم بولسا بولسۇن ،پۇتۇن كۇن ئىشلەيدىغان، دەرھال ياشلارنى قوزغايدىغان، مىللەتنى ھەرىكەتلەندۇردىغان، سياسەت، ئېقتساد، تەشۋىقات، مائارىپ، مەدەنىيەت جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىدىغان، جاسارەتلىك، پۈتۈن كۈن ئىشلەيدىغان ياشلار قوشۇنى كىرەك. قوشۇمچە ئىشلەيدىغان ۋاقىت كەلمەسكە كەتتى، شۇڭا دەرھال ۋاقتىدا سايلام ئۆتكۇزۇپ،ئادىل ،ئېقتىدارلىق، ۋەتەنپەرۋەر، جىگەرلىك نامزاتلار رىقابەتلىششى، ئەل-جامائەت ئۆزى ئىشەنگەن كىشلەرنى ئادىل ئۇسۇلدا، قانۇنى ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىشى كىرەك»دەپ يەتكۇزدى.

سورۇندىكى چوڭلار مۇنداق دىدى: ياشلىرىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئىنتايىن مۇھىم، ۋەتەندىكى تۇققانلرىمىز قىرغىن قىلىنىۋاتقان پەيتتە بىزنىڭ سۇكۇت قىلىشىمىز جىنايەت. بىز ئاجىز ئەمەس، پەقەت ئاكتىپ ھەرىكەت قىلساق، ھەممىمىز قاتناشساقلا، چوقۇم ئۇنۇمىنى يارىتىمىز. خەلقىمىز ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنى تاشلىۋەتسە بولمايدۇ، بۇ بىر جامائەت » دىدى. جامائەتنى تىرىلدۇرۇشىمىز كىرەك، بۇگۇن بۇ تىرىلدۇرۇش روھىنى كۆردۇق

ھازىرغىچە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئ‍سلىك ئورنى  ئۇچۇن «ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر مەركىزى»بىرلەشمە قۇرغۇچىسى قۇززات ئالتاي ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ ھازىرقى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆزىنى داۋاملىق نامزاتلىققا كۆرستىدىغان ياكى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى تېخى رەسمى جاكارلىمىدى. كۆپچىلىك سايلام 11-ئايغا كىچىكتۇرۇلۇش ھىچقانداق ئۇيغۇرنىڭ مىللى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، يىتەرلىك سەۋەبى يوق دەپ قارىدى.

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتاي ھۆكۈمىتى لاگىردىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا خىمىيەلىك قۇراللارنى ئىشلەتمەكتە

سە ماي 14 , 2019
ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن نەچچە نەپەر سابىق لاگىر مەھبۇسلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا سولاپ قويۇلغان مەزگىللەردە ئاق پاراشوكتەك خىمىيەلىك دورىلارنى ئىستىمال قىلىشقا مەجبۇرلانغان.

You May Like