شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئىككىنچى قېتىملىق «خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلماقچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 8-نويابىر

«ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككىنچى قېتىملىق « «خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 11-ئاينىڭ 9- ۋە 10-كۈنلىرى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە جايلاشقان «جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتى»دا ئېچىلماقچى. 

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يىغىننىڭ بىرىنچى قېتىملىقى 2021-يىلى نويابىردا فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىملىق يىغىنغا يېقىندىن ياردەم بېرىپ قوللىغان ئورۇنلاردىن: «جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتى»، «بىريۇسسېل ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتى»، «فىرانسىيە شەرقشۇناسلىق تىل-مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى» ۋە «فىرانسىيە جەمئىيەت پەنلىرى ئالىي ئىنستىتۇتى» قاتارلىقلار بار.

بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تېمىسى مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئۇيغۇر تارىخىي بولۇپ، يىغىنغا دۇنيادىكى ئەڭ تونۇلغان خىتايشۇناس تەتقىقاتچىلار،دوكتور نەبىجان تۇرسۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقانچىلىرى، ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار تەكلىپ قىلىنغان. ئىككى كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر تارىخىي، خىتاينىڭ مۇستەملىكە تارىخىي، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە قۇرغان مۇستەملىكە جەمئىيەت ۋە ئورگانلىرى قاتارلىق تېمىلاردا تەتقىقاتچىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەخسۇس لېكسىيەلەرنى سۆزلەيدۇ.

يىغىننىڭ تولۇق جەريانى «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» نىڭ youtube قانىلىدا نەقمەيداندىن تارقىتىلىدۇ.

ئارمان تەييارلىدى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

بىريۇسسېلدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» ئېچىلدى

چا نويابىر 9 , 2022
بىريۇسسېلدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» ئېچىلدى

You May Like