پارتلاتقۇچ: سەئۇدى ۋە ئىران خىتاي ۋاسىتىسى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 10-مارت

ئەلجەزىرەنىڭ جۈمە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نەچچە ئون يىل دۈشمەنلىشىپ كەلگەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىككى چوڭ دىنى دۆلەت شىئەلەر مەركىزى ئىران بىلەن سۈننىيلەرنىڭ مەركىزى ھېسابلانغان سەئۇدى ئەرەبىستان شۇ كۈنى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ۋاڭ يى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ :« خىتاي بۇنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا پايدىلىق» دېگەن.

بۇ ۋەقە 7 يىلدىن بىرى يەمەندە قانلىق ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىران ۋە سەئۇدى تەرەپلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىغا پايدىلىق دەپ قارالدى. ب د ت  ۋە ئامېرىكا بۈگۈن بۇ كېلىشىمنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما خىتاي بۇ ئارقىلىق سىياسىي نوپۇزى ۋە نېفىت ئىمپورتى ئۈچۈن ئاساس يارىتىدىغانلىقى ئۈچۈن غەربنىڭ گۇمان بىلەن قارشىغا سەۋەب بولماقتا. بۇنى ئەڭ كۆرۈشنى خالىمايدىغىنى ئىسرائىلىيە بولۇپ، ئىران بۈگۈن ئىسلام دۈشمىنى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىشمىزنى خالىمايدىغىنى ئېنىق دېدى.

مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى  «ئىران ۋە سەئۇدى دىپلوماتىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ » دېگەن تېمىدا مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۇنجى «ئوچۇق مەنبە ئىستىخباراتى» قوللانمىسى بارلىققا كەلدى

دۈ مارت 13 , 2023
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۇنجى «ئوچۇق مەنبە ئىستىخباراتى» قوللانمىسى بارلىققا كەلدى

You May Like