فىرانسىيەدىكى ئالتە چوڭ شەھەردە بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋىرى. 29-يانۋار شەنبە كۈنى فىرانسىيەنىڭ ئالتە چوڭ شەھىرىدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قارشى تۇرۇش، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىش تېمىسىدا بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 29-يانۋار

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋىرى. 29-يانۋار شەنبە كۈنى فىرانسىيەنىڭ ئالتە چوڭ شەھىرىدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قارشى تۇرۇش، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىش تېمىسىدا بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

photo by Adil Qasim

photo by Adil Qasim

مەزكۇر نامايىش فىرانسىيەدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان «ئاممىۋىي مەيدان» (place public) تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئورۇناشتۇرۇلغان بولۇپ،  «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى»، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» فىرانسىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» ياشلار گۇرۇپپىسى، خوڭكوڭ، تىبەت ئۇيۇشمىلىرىدىن بولۇپ 20دىن ئارتۇق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.  نامايىش پارىژ، مارسېل، لىئوڭ، نىس؛ موڭپلىيېر، تۇلۇز قاتارلىق شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلدى.

پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش شۇ جاي ۋاقتى 2 بىلەن فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئالدىدا باشلىنىپ 4 كە قەدەر داۋاملاشتى. نامايىشقا پارىژ ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، يەرلىك ياشلار، تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە موڭغۇل پائالىيەتچىلەر قاتناشقاندىن سىرت، فىرانسىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى، تونۇلغان سىياسەتچى، 2022-يىللىق فىرانسىيە پرېزىدېنت سايلىمى كاندىداتى، سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى كرىستىيەن توبىرا Christiane Taubira خانىم، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى رافائەل گلۇكىسمەن ئەپەندىم، شۇنداقلا بىر قىسىم سىياسەتچى، پائالىيەتچىلەرمۇ ئىشتىراك قىلدى.

نامايىش جەريانىدا پرېزىدېنت نامزاتى كرىستىيەن توبىرا سۆز قىلىپ ماكروڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى، خەلقئارا جامائەت بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈر بېرىۋاتقان خىتايغا ھېچقانداق دىپلوماتىك ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەسلىكىنى ۋە ئۇنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى دەپ ھۆكۈمەتكە خىتاب قىلدى.

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى رافائەل گلۇكىسمەن سۆزىدە فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»نى ئېتىراپ قىلغانلىق قارارى ئېلىنىپ بولۇنغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ھۆكۈمەتنىڭ تېخىچە بېيجىڭ ئولىمپىكىگە مىنىستىرلىرىنى ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ تەرىپلىدى، ۋە پرېزىدېنت ئېممانۇئەل ماكروڭغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: « سىز ياۋروپا پارلامېنتىدا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا تالاي مەدھىيەلەرنى ئوقۇپ گۈزەل نۇتۇقلارنى قىلدىڭىز، بىزنىڭ بۈگۈنكى تەلىپىمىز بەكلا ئاددىي، ھېچكىمنىڭ بېيجىڭغا بارماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز، ماكروڭ ئەپەندىمنىڭ فىرانسىيەدىكى يۈزمىڭلىغان ياشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقتى كەلدى!».

photo by Adil Qasim

نامايىشتا دىلنۇر رەيھان خانىم ۋە شۇنداقلا ھەرقايسى تەشكىلات ۋەكىللىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭدىن سىرت لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار جەلىلوۋا ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملارمۇ سۆز قىلىپ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتكەن تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

photo by Adil Qasim

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن ئوخشاش تېمىدىكى نامايىش گېرمانىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنكاسى» ناملىق يىغىن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

دۈ يانۋار 31 , 2022
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنكاسى» ناملىق يىغىن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

You May Like