تەييارلىغۇچى: ئىقبال
2019- يىلى 11- يانۋار
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
ئەلى ئەكبەر داموللام باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپ ئاكتىۋىستلار تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە سەييارە تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
كەڭ شەرقى تۈركىستانلىقلارغا مەلۇم بولغىنىدەك ئەلى ئەكبەر داموللام باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپ زىمىستاندا قىشتا شەرقى تۈركىستان مەسلىسىگە خەلىقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن 20كۈنگە يىقىن ۋاقىت پىيادە يول يۈرۈپ ئىستانبۇلدىن-ئەنقەرەگە بىرىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنىدى. مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى سەپەر ئاخىرقى مەنزىلگە ئۇلىشالمىغان بولسىمۇ، مۇساپە جەريانىدا تۈركىيە خەلقى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە بىر قىسىم مېديالارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. ئىستانبۇلغا قايتۇرۇۋىتىلگەن ئەلى ئەكبەر ھاجىم ۋە باشقا پىدائىي ئاكتىۋىسىتلار ، ئازغىنە ۋاقىتتىن كىيىن يەنە سەپىرىنى باشلىغان.
ئىرىشكەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا ئەلى ئەكبەر دامۇللام ۋە ياش ئاكتىۋىست تەشۋىقاتچى ئابدۇللاھ ئەزىز قاتارلىق بىر گۇرۇپ شەرقى تۈركىستانلىق 2019-يىلى 1-ئاينىڭ11-كۈنى جۈمە كونيادا شەرقى تۈركىستاننى تونۇتۇش پائالىيتى ئىلىپ بارغان.
ئىنسانى ياردەم ۋەقپى (ئى ھا ھا) نىڭ كونيا شۆبىسىنڭ قوللىشى بىلەن ئىلىپ بىرىلغان بۇ پائالىيەتتە، ئەلى ئەكبەر داموللام ۋە ئابدۇللاھ ئەزىزلەر سۆز قىلىپ شەرقى تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتى ۋەزىيىتى ۋە ھەقىقىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. كونيادىكى تارىخى مەسچىتلەردىن بىرى بولغان ئۇلۇ جامى دە شەرقى تۈركىستان تونۇشتۇرۇلغان ۋە ئۇيەردىكى مۇسۇلمانلارغا ئاتاپ دۇئا قىلىنغان.
مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.