دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى چېخيەنىڭ پايتەختى پراگادا ئېچىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى چېخيەنىڭ پايتەختى پراگادا دەبدەبىلىك ئېچىلدى.
باشلىنىش مۇراسىمى شەرقى تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ۋە چېخيەنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى .

ھەبىبۇللا ئىزچى،ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
12-نويابىر
 
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى چېخيەنىڭ پايتەختى پراگادا دەبدەبىلىك ئېچىلدى.
باشلىنىش مۇراسىمى شەرقى تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ۋە چېخيەنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى .
بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا، چېخيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى پاۋېل فىشېر، ئامېرىكا خەلقئ‍ارا دىنى ئىشلار كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل، باۋارىيە پارلامېنت ئەزاسى، ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋەكىلى ماركۇس رندىرسپاخېر، ياۋرۇپا پارلامېنتى ئەزاسى ماكېتا گېرىگورېۋا خانىم، فرانسىيە پارلامېنتىدىن فرېدرېخ دۇما خانىم، كانادا پارلامېنتىدىن سامېر زۇبەيرى، تۈركىيە پارلامېنتى ۋە گەلەجەك پارتىيىسى تاشقى ئىشلار باشلىقى ئۈمىت ياردېم، ئامېركا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، كارل گېرىشمەن (ۋېدىولۇق )، ياۋرۇپا پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومتىتىنىڭ رەئىسى مېرىام لېكىسمان خانىم، كانادا پارلامېنتىدىن لېو ھوساكۇس، ياۋرۇپا پارلامېنتىدىن ئەرگىن ئەر ئوغلۇ، ئەنگىليە پارلامېنتىدىن نۇسرەت غانى، كانادا پارلامېنتىدىن مېخائىل چوڭ، ئامېركا كونگرەس ئەزاسى توم سۇززى قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا تەتقىقاتچى ئادرېان زېنز ، چېخيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئاندېرى كلېمىس، ئىنسان ھەقلىرىنى كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بۆلۈمى مۇدېرى سوپىيە رېچاردسون، ئەنگىليە نېۋكاستېل ئۇنۋېرسىتىدىن دوكتۇر جوۋ سىمىس فېنلى، ئەنگىليە مانچېستېر ئۇنۋېرسىتىدىن دوكتۇر رېان توم، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىدىن رالف بونچى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋۇكاتى ناملىق تەشكىلاتنىڭ رەئىسى مېخائېل بولاك، لاگېر شاھىتلىرى گۈلباھار خاتىۋاجى، قەلبىنۇ سىددىق، ئۆمەر بېك ئالى ۋە ئۇيغۇر سوتىنىڭ بەزەن ئادۋۇكاتلىرىمۇ قاتناشتى.

UT-Uyghur Reporter 2

Next Post

پارىژ شەھەر مەمۇرىيەت بىناسى ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تېمىسىدا كۆك رەڭگە بويالدى

جۈ نويابىر 12 , 2021
شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىمىزدە ياۋروپادىكى بىرقانچە شەھەردە ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان

You May Like