ھەرقانداق بىر ئانىغا نىسبەتەن ھامىلدارلىق كىشىنى جىددىيلەشتۈرىدىغان ھەم خۇشال قىلىدىغان بىر ئىش. يېشى چوڭىيىپ قالغان ئاياللار ھامىلدار بولسا ئىش تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ، ئۇلار سالامەتلىك تەھدىتى، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغاندىن باشقا، يەنە ھامىلدار بولۇش ئىمكانىيىتى بار، يوقلۇق مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە يەنە بىر ئېتىكىلىق مەسىلە مەۋجۇت. يەنى سىز ئۆمرىڭىزنىڭ ئۇزۇن قالمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بىر ھاياتلىقنى دۇنياغا كەلتۈرسىڭىز توغرىمۇ، خاتا؟ گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بەزى ئاياللار يېشىنىڭ قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بالىلىق بولغان. تۆۋەندە دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ 10 ھامىلدار ئايال بىلەن تونۇشىمىز. 1. راجو دېۋى لوخان (Rajo Devi Lohan): ھىندىستاننىڭ چەت ھىسسار كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق راجو 2008-يىلى دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئانا بولۇش رېكورتىنى يېڭىلىدى. ئۇ 69 ياشقا كىرگەندە تۇنجى قېتىم پىروبىركىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسى بويىچە داۋالىنىپ ئانا بولغان ھەم يېشى چوڭ بولغانلىقتىن ئەگەشمە كېسەل سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلىشقا قىل قالغانىدى. 2012-يىلى ئۇ: «گەرچە ئاغرىپ قالغان بولساممۇ ھايات تۇرۇشۇمنىڭ بىردىنبىر سەۋەبچىسى دەل ناۋىن. ئۇ ماڭا بېرىلگەن سوۋغا. مەن ئۇنى ياتلىق قىلىۋېتىپ ئاندىن كۆز يۇمىمەن. مەن ئۇنى 15 ياشقا كىرگەندە ياتلىق قىلىمەن» دېدى. 2. دالجىندېر كائۇر (Daljinder Kaur): ھىندىستانلىق دالجىندېر 2016-يىلى بىر ئوغۇل بوۋاق يەڭگىگەندە دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئانا بولۇپ قالغان. گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمىسىمۇ، ئەمما دوختۇرغا يولدىشىدىن يەتتە ياش كىچىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يولدىشى 79 ياشقا كىرگەنىدى. بۇ ئەر-ئايالنىڭ توي قىلغىنىغا 46 يىل بولغان بولسىمۇ، تەبىئىي ئۇسۇلدا بالىلىق بولالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خاريانا ئىشتاتىدا نامسىز تۇخۇم ئىئانە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە پىروبىركىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ بالىلىق بولدى. «ھەممە ئادەم ماڭا بىر بالا بېقىۋېلىش تەكلىپى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنداق قىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم. ھازىر ئۆزۈمنىڭ بالىسى بار بولدى، ئۇنى مۇۋاپىق تەربىيەگە ئىگە قىلىمەن.» 3. ئومكارى پانۋار (Omkari Panwar): ئومكارى 60 نەچچە ياشلارغا كىرگەندە پىروبىركىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ بالىلىق بولۇشنى قارار قىلدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىككى قىزى، بەش نەۋرىسى بار ئىدى. بىراق، ئۇ ۋە ئۇنىڭ يولدىشى جەمەتىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان بىر ئوغۇللۇق بولۇشنى ئارزۇق قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئارزۇسى 2008-يىلى رېئاللىققا ئايلاندى، ئومكارى 70 ياشقا كىرگەندە بىر جۈپ ئوغۇل-قىز قوشكېزەك يەڭگىدى. بۇ ئەر-ئايال بالىلىق بولۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يىغقانلىرىنى سەرپ قىلغان، شۇنداقلا بانكىدىنمۇ قەرز ئالغانىدى. ئومكارىنىڭ يولدىشى چاررام سىنگ: «بىز ئىچىل ئوغۇللۇق بولۇشنى ئارزۇ قىلغانىدۇق. بۇنىڭدىن بەكلا خۇشال بولدۇق» دېدى. 4. ئادرىيانا ئىلىيېسكۇ (Adriana Iliescu): رۇمىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى ئادرىيانا ئىزچىل تەبىئىي ئۇسۇلدا ھامىلدار بولالمىدى، 2005-يىلى 66 ياشقا كىرگەندە ئۈچكېزەككە ھامىلدار بولغاندا بىرلا بالىسىنى يەڭگىش نىيىتى غەلىتە، قورقۇنچلۇق ئىش، شەخسىيەتچىلىك، دەپ قارالدى. بىراق، بەختكە قارشى، ئۈچكېزەكنىڭ ئىككىسى بولغان ئوغۇل ھامىلىلەر قورساقتىكى ۋاقىتتىلا ئۆلۈپ قالدى، قىزى ئېلىسامۇ ئارانلا 1.4 كىلوگرام تۇغۇلغانلىقتىن ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە داۋالاندى. بەختكە يارىشا، سالامەتلىكى تېزلا ئەسلىگە كەلدى. «ئۇ مېنىڭ بارلىقىم، ئۇ ھەممىدىن مۇھىم. ناۋادا ئاتا-ئانامغا ئوخشاش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلىسەم مەن ئالەمدىن ئۆتكەندە ئېلىسا 20 ياشقا كىرىدۇ. شۇ ۋاقىتقا قەدەر ئۇنىڭغا نۇرغۇن نەرسە بېرەلەيمەن.» 5. مارىيە دېل كارمېن (Maria del Carmen Bousada de Lara): مارىيە ئىسپانىيەدىن ئامېرىكىغا بېرىپ پىروبىركىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ 2006-يىلى بىر جۈپ ئوغۇل تۇغدى. ئۇ كېيىن يېشىنى يالغان مەلۇم قىلىپ 35 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. بىراق، بالىلار تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭغا راك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلدى، 2009-يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئىلگىرى ئانىسىغا ئوخشاش 101 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى كىرىستىيان بىلەن پائۇلنى ھازىر باشقىلار بېقىۋاتىدۇ. 6. ئېلىزابېت لىززىي ئانرېنېي (Elizabeth “Lizzie” Adeney): مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئايال سودىگەر ئېلىزابېت 66 ياشقا كىرگەندە ئەنگلىيە بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ھامىلدار ئايال بولۇپ قالدى. كۆپ قېتىملىق داۋالىنىشى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ئۇ 2009-يىلى تۇيۇقسىز ھامىلدار بولۇپ قالغان، يېشى بەك چوڭ بولغانلىقتىن ئۇكرائىناغا بېرىپ داۋالانغانىدى. چۈنكى ئەنگلىيەدىكى شىپاخانىلار 50 ياشتىن ئاشقان ھامىلدار ئاياللارنى داۋالىمايدۇ. گەرچە كىشىلەر ئۇنىڭ ھامىلدار بولغىنىنى تەنقىدلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قارارىنى ئاقلىدى. «مېنىڭ قىزىقىدىغىنىم دۆلەت بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ھامىلدار ئايال بولۇپ قالىدىغانلىقىم.» 7. ئاننېگرېت رائۇنىگ (Annegret Raunigk): گېرمانىيەلىك ئاننېگرېت 2015-يىلى 65 ياش ۋاقىتلىرىدا تۆت بالىلىق بولدى ھەم شۇ سەۋەبلىك تاراتقۇلارنىڭ باش بېتىدە خەۋەر قىلىندى. تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى، بۇ ئانىنىڭ ئىلگىرى 10 ياشتىن 44 ياشقىچە بولغان 13 بالىسى بار ئىدى. ئۇ كىيىۋدا داۋالىنىپ تۆتكېزەككە ھامىلدار بولغاندا دوختۇرلار ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەنىدى. بىراق، بەختكە يارىشا، ئۈچ ئوغۇل، بىر قىز تۆتكېزەكلەر ناھايىتى ساغلام تۇغۇلدى. ئۇ: «مەن بالىلارنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ياش چوڭ مەسىلە ئەمەس» دېدى. 8. خاررىيېت سىتول (Harriet Stole): خاررىيېت 1999-يىلى 66 ياشقا كىرگەندە لوندوندا بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى. بىراق، ئۇ تەبىئىي ئۇسۇلدا ھامىلدار بولالمىغان كېلىنىگە ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇپ بەرگەنىدى. بەختكە يارىشا، ئۇنىڭ ئوغلى روس بىلەن كېلىنى لۇسىنىڭ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمىنىڭ ئۇنىڭغا كۆچۈرۈلۈشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. شۇنداق قىلىپ خاررىيېت ھامىلدارلىقىنىڭ 8-ئېيىدا ھېنرى توماسنى يەڭگىدى. «قانچىلىك ئايال نەۋرىسىنى ئۆزى تۇغدۇم دېيەلەيدۇ؟ مەن شۇنداق قىلالىدىم!» بىراق، ئۇ ھامىلدار بولغاندىن كېيىن جەمئىيەتتىكىلەر بىلەن كۆپ ئارىلاشماي بارلىق زىيارەتلەرنى رەت قىلدى. 9. مەمنۇنە تىرياكى (Memnune Tiryaki): مەمنۇنە 2006-يىلى 64 ياشقا كىرگەندە بالىلىق بولدى. يولدىشى دوختۇرلارنى ئۆزلىرىنى پىروبىركىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسى بويىچە بالىلىق بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلار ئىزچىل بالىلىق بولالمىغانىدى. بۇ ئەر-ئايال ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ بالىسى بولغانلىقىدىن قاتتىق ھاياجانلاندى. 10. ھايا شاخار (Haya Shahar): ھايا 46 يىللىق نىكاھىدا تەبىئىي ئۇسۇلدا ھامىلدار بولالمىدى، 65 ياشقا كىرگەندە ئاخىرى بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ يولدىشىمۇ يۇقىرىقىلارغا ئوخشاش پىروبىركىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ بالىلىق بولغانىدى. بىراق ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ياكى چەتئەلدە ئوپېراتسىيە قىلدۇرغىنى ئېنىق ئەمەس. چۈنكى بۇ جايدا 54 ياشتىن يۇقىرى ھامىلدار ئاياللارنىڭ بۇنداق ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشى قانۇنغا خىلاپ. ئاخىرىدا، ھايا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ بىر ئوغۇل بوۋاق يەڭگىدى. دوختۇرلار: «بىز بۇنداق قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز، بۇ ياشتىكى ئاياللارنىڭ تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇلۇشى قانۇنغا خىلاپ. بۇ ناھايىتى خەتەرلىك» دېدى.
دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ 10 ھامىلدار ئايال
دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ 10 ھامىلدار ئايال