دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئاياللارنىڭ تۆھپىسى، رولى ۋە ئورنى

بۇ ئەسەرنى تارىختىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە بارلىق ھۆرلۈك كۈرەشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلغان ھەم ھازىرمۇ جازا لاگېرلىرىدا ھۆرلۈككە تەلپۈنىۋاتقان مىليونلىغان خانىم-قىزلارغا بېغىشلايمەن.

نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

                   ( 3 توملۇق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى»دىن پارچە)

 

بۇ ئەسەرنى  تارىختىكى   شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە بارلىق ھۆرلۈك  كۈرەشلىرى  ئۈچۈن  ئۆزىنى تەقدىم قىلغان ھەم  ھازىرمۇ  جازا لاگېرلىرىدا ھۆرلۈككە تەلپۈنىۋاتقان  مىليونلىغان خانىم-قىزلارغا  بېغىشلايمەن.

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېركا پايتەختى ۋاشىنگتون

       

20- ئەسىردە ئۇيغۇرلار باشقا قېرىنداش خەلقلەر بىلەن بىرگە  مىللىي مۇستەقىللىق ، ئازادلىق  ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىپ، 1933- يىلى ۋە 1944- يىلى 12- نويابىر كۈنلىرى  ئىككى قېتىم  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇردى.

گەرچە، بىرىنچى جۇمھۇرىيەت بەك  قىسقا ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ،پاجىئەلىك يىقىتىلىپ، قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان  بولسىمۇ، بىراق   ئۇنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلىك ،دۆلەتچىلىك   روھى تېخىمۇ كۈچىيىپ  ئىككىنچىسىگە، يەنى 1944- يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە غايە- نىشان ئورتاقلىقى بىلەن زىچ بىرلەشكەن ھالدا مىراس بولۇپ قالغان ئىدى.

1944- يىلى،7- نويابىر كۈنى پارتلىغان  غۇلجا قوزغىلىڭىنىڭ غەلىبىسى سۈپىتىدە ، شۇ يىلى 12- نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇشى، كۈچىيىشى ۋە مەۋجۇت بولۇش ۋە ئاخىرلىشىشىدىن ئىبارەت ئىلگىرى- كېيىن بەش يىللىق مۇساپىسىدە  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ باسقۇچى ۋە  ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيانىڭ يېڭى تەرتىپىنى ئورنىتىش جەريانىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىش دەۋرىدىن ئىبارەت ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلەر ھەم ئىدېئولوگىيىلىك توقۇنۇشلارغا دۇچ كەلدى.  ۋەھالەنكى، ئەنە شۇنداق شارائىتلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ تۇنجى مۇكەممەل مۇنتىزىم ۋە زامانىۋى مىللىي ئارمىيەسىنى بەرپا قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزىدىن كۆپ ۋە زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان، مۇنتىزىم خىتاي گومىنداڭ ، يەنى  ”خىتاي دۆلەت ئارمىيىسى“ بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇنى  تارمار قىلسا ۋە ئىسكەنجىگە ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتچىلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى ۋە  راۋاجلاندۇردى، شۇنىڭدەك  خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ   ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامال قىلىپ يوقىتىش، مىللىي زىددىيەت ۋە ئىچكى توقۇنۇش چىقىرىپ پارچىلاپ يوقىتىش نەيرەڭلىرىنى مەغلۇپ قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ   مەۋجۇتلۇقى ۋە قۇدرەت تېپىشىدا ھازىرقى زامان دۆلەتلىرىگە خاس بولغان بارلىق ئىلغار قانۇن- تۈزۈملەرنى يولغا قويدى،ھاكىمىيەت  ۋە جەمئىيەت، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ،سودا ۋە ئىقتىساد  باشقۇرۇش تۈزۈملىرى  ئورناتتى شۇنىڭدەك  دىنىي ۋە مىللىي  سىياسەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك  يۈرگۈزدى.

ئەنە شۇ ھاكىمىيەتنىڭ دۇنياغا كېلىشى، مەۋجۇتلۇقى ۋە قۇدرەت تېپىشى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن  بىر سەپتە، بىر غايىدە بولۇپ  ئازادلىققا ئىنتىلگەن ھەر مىللەتنىڭ  ئورتاق كۈرىشىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.  شۇنىڭدەك ئۇ يەنە   مىڭلىغان خانىم –قىزلار، ئانىلارنىڭ ئەرلەر بىلەن بىر نىيەتتە، بىر مەقسەتتە تۇرۇپ كۈرەش قىلىشىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

ئەنە شۇ نۇقتىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ  ئازادلىقى شوئارى بىلەن  ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئۈچۈن  ئاياللارنىڭ ئازادلىقىنىمۇ باش نىشاننىڭ بىر قىسمى  قىلدى. شۇڭا ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باشتىن ئاخىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان ۋە باشقا دىندىكى ھەر مىللەت خانىم- قىزلىرىنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قوغداپلا قالماستىن بەلكى ئۇنى تەشەببۇس قىلدى، ھەم  خانىم- قىزلارنىڭ ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتنىشىشى، قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى.  ئاياللارنىڭ دۆلەتنىڭ ھەر ساھە  خىزمەتلىرىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەيلى  جۇمھۇر رەئىس ئەلىخان تۆرە بولسۇن ۋە كېيىن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەرىپىدىن بىردەك ئەھمىيەت بېرىلگەن ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى خانىم- قىزلارنىڭ ھەربىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىشى،ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك  خىزمەتلىرىگە، جۈملىدىن مائارىپ، سەنئەت، سەھىيە، پۇل- مۇئامىلە،پوچتا- تېلېگراف ۋە باشقا تۈرلۈك ساھەلەردە خىزمەت قىلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى.  بۇ ساھەلەردىكى خانىم- قىزلار تەربىيىلەندى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تەربىيىلەش، جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىش پۇرسىتى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى يارىتىپ بېرىلدى.  ئەنە شۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى دەۋرىدە ئۇيغۇر، رۇس، قازاق، تاتار، ئۆزبېك، شىبە، موڭغۇل قاتارلىق ھەر مىللەت خانىم- قىزلىرىدىن بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت كادىرلار قوشۇنى ، مىللىي ئارمىيە جەڭچى- ئوفىتسېرلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت خادىملىرى يېتىشىپ چىقتى.

 

داۋامىنى بۇيەردىن ئوقۇڭ: دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن-شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئاياللارنىڭ تۆھپىسى، رولى ۋە ئورنى(PDF)

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: 10 يىللىق قارا قىسمەت

دۈ نويابىر 12 , 2018
قەلەم سۇندى، ئەلەم ئەزدى دىلىمنى، شامال دارىپ كىكەچ قىلدى تىلىمنى. قۇلۇم تۇتماس، پۇتۇم باسماس پالەچ مەن، نىمەم بىلەن قىلاي رازى ئېلىمنى؟

You May Like