دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى ئىستانبۇلدا ‹‹ئۈمىت يۇلتۇزلىرى›› تېمىسىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى

دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى ئىستانبۇلدا ‹‹ئۈمىت يۇلتۇزلىرى›› تېمىسىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى

ئامىنە سەدەف

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 25 – ئاۋغۇست

 

دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان « ئۈمىت يۇلتۇزلىرى » مۇسابىقىسىنىڭ ئىستانبۇل رايونىدىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 21_ ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلدى .

مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ رەئىسى رىسالەت قەھرىمان ئارىپوۋا خانىم ، تۈركىيەدىكى تۇنۇلغان ئۇيغۇر شائىرە ۋە پائالىيەتچى نۇرئەلاكۆكتۈرك خانىم   ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىسى قەمەر ئارتىش خانىم شۇنداقلا بىرلىكنىڭ ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم ۋەكىللىرى قاتناشتى .

مۇراسىمىدا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن ئۆسمۈرلەر مۇكاپاتلاندى  ۋە بىر قىسىم سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇندىدى. نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم ئۆز شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى . قەمەر ئارتىش خانىم ئۆسمۈرلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك‌ تېمىسىدا  نۇتۇق سۆزلىدى.‌

دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش  نىشانى ئاستىدا  2013_ يىلى 4_ئايدا  فرانسىيىنىڭ پارىژدا قۇرۇلغان بۇلۇپ،  11 دۆلەتتە نەچچە يۈز  ئەزالىرى بار . بۇ بىرلىك  قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ھەر يىلى ئانىلار بايرىمى ۋە ئاياللار بايرىمى كۈنلىرىدە شۇنداقلا قىرغىنچىلىق خاتىرە كۈنلەردىكى نامايىشلارنى تەشكىللىدى . بۇلۇپمۇ 2018_ يىلى فرانسىيىدە  ھەرقايسى دۆلەتتىكى ۋەكىللىرى بىلەن ئۈچ كۈنلۈك ئاياللار نامايىشى تەشكىللەپ ، لاگېردىكى ئانىلارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ تىزىملىك ۋە رەسىملەرنى پارلامىنتقا ۋە دۆلەت ۋەكىللىرىگە تاپشۇردى .

دۇنيا ئاياللار بىرلىكى رەئىسى رىسالەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە « ئۈمىت يۇلتۇزى »

2020_ يىلى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك كارانتىنغا ئېلىنغان مەزگىللەردە توردا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ، مەدەنىيەت _ سەنئەت ،  يېزىقچىلىق ، قول _ ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ئۇنۋېرسال ساپاسىنى ئۆلچەيدىغان  خەلقئارالىق بالىلار مۇسابىقىسى بۇلۇپ ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 250 ئوقۇغۇچى ۋىدىئو ئارقىلىق قاتناشقان ۋە 110 ئوقۇغۇچى ھەر قايسى تۈرلەر بۇيىچە مۇكاپاتلانغان بولسىمۇ ۋىروس سەۋەپلىك مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى كېچىكتۈرۈلگەن . نۆۋەتتە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋەكىللەر تاپشۇرۇپ بىرىۋاتقان  بۇلۇپ ، ئىستانبولدىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىمۇ شۇنىڭ بىر قىسمى ئىكەن .

 

 

 

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

تۈركىيە - خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئىشخانىسى قۇرۇلۇپ پائالىيەتكە ئۆتكەن

چا ئاۋغۇست 25 , 2021
تۈركىيە - خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئىشخانىسى قۇرۇلۇپ پائالىيەتكە ئۆتكەن

You May Like