يازغۇچى: نۇرئەھمەت قۇربان
دىن ۋە بىلىم مۇناسىۋىتى تېمىسى بۈگۈنمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا تەپەككۇر تارىخىنىڭ قىزىق تېمىلىرىدىن بىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ تېما بىلىم، پەلسەپە ۋە دىنىي ئىلىملەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭلا ئەمەس جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا. دىن ۋە بىلىم مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇلاھىزىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ زىتلىق، پەرقلىق بولۇش، مۇۋاپىق كۆرۈش ۋە دىنىيلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
زىتلىق تەرەپدارلىرىنىڭ كۆزقارىشىدا بىلىم بىلەن دىن بىر-بىرىگە زىت قۇتۇپلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇكى، ئىنسانلار جەمئىيىتىدە توقۇنۇشماستىن مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ. چۈنكى بىلىم، ئەركىن تەپەككۇر، تەجرىبىنى ئاساس قىلغان تەتقىقاتلار ۋە رېئال رەقەملەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. دىن بولسا، قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، مەۋھۇملۇق، جاھىللىق ۋە ھېسسىي پائالىيەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنداق پىكىرنىڭ بېشىدا پوزىتىۋىزم ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات تەرەپدارلىرى بىلەن زامانىۋى ناتۇرالىزمچىلار كېلىدۇ. بۇلار دىننى تامامەن رەت قىلىدۇ. ئۇلار بىلىمنى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ يېگانە ئۈمىدى دەپ قارايدۇ. غەربنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا ياشايدىغان ئىسلام پوزىتىۋىستلىرى ۋە ناتۇرالىستلىرىمۇ بۇ پىكىرنى ئۆزلىرىگە سىڭدۈرۈۋالغان. ئۇلار زامانىۋىلىشىش ۋە مەدەنىيلىشىش يولىنى يورۇتقۇچى دەپ قاراپ، بىلىم بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ توقۇنۇش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرۈش ئارقىلىق زىتلىق تەرەپدارلىرىنىڭ بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى تەسىر كۈچىنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ قاتاردىكى زىيالىيلار ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق بىلىمنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق دىننىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە تىرىشىدۇ. ئىككىنچى خىل ئېقىمدىكىلەرنىڭ كۆزقارىشىدا دىن بىلەن بىلىمنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىككى ئاساسى تۈر ۋە پەرقلىق ئىككى ساھە ئىكەنلىكى چۈشەنچىسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ توقۇنۇش پىكرىنىڭ بىر قىسمى ۋەھيى قىلىنغان تېئولوگىيەگە، قېلىپ قالغان قىسمى تەبىئىي ۋە راتسىيونال تېئولوگىيەنىڭ ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك مىساللار بەزىدە ئىلاھىي ۋەھيىنى ئاساس قىلىدىغان مۇقەددەس كىتابلار، يەنە بەزىدە كېيىنكى دىن ئالىملىرى نەزەرىيەلەشتۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويغان تەلىماتلاردىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن دىن نامىدا ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق پىكىر ۋە قاراشلار ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىنىشى لازىم. دىندارلار ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي كەشپىياتلار داۋاملىق دىننىڭ ئاساسى مەنبەسىگە ۋەكىللىك قىلماسلىقى مۇمكىن.
دىن بىلەن بىلىم ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بارلىقى مەسىلىسى 16- ئەسىردىن كېيىن غەرب خىرىستىيان دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا چىققان بىر ئۇقۇمدۇر. ئەكسىچە ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى بولغان قۇرئان ۋە ھەدىس مەنبەلىرىدە دىن بىلەن بىلىم ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىققا دەلىل بولغىدەك ھېچقانداق مەلۇمات يوق. بۇنىڭ ئەكسىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن مەلۇماتلار مەۋجۇت. شۇنداقلا خىرىستىيان ئالىملىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىغا بولغان كۆزقاراشلىرى بىلەن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ قۇرئانغا بولغان كۆزقارىشى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرقلەر مەۋجۇت. دەرۋەقە بىلىم بىلەن قارىمۇقارشى دەپ قارىغان دىننىڭ خىرىستىيانلىق ئىكەنلىكىدە ئالىملار بىردەك قاراشقا ئىگە. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى، دىننى بىلىمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە تەسەۋۋۇر قىلىش، بىلىمدە دىننىڭ رولىنى ئىزدەش دىن بىلەن بىلىمنى زىتلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەۋەبلىرىدىن بىرى.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن دىن بىلەن بىلىم ئارىسىنى ئايرىش تەرەپدارلىرى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا قاتتىق پوزىتسىيەدە بىلىمدارلىق قىلىۋاتقان ۋە دىنغا قارشى چىقىۋاتقان بولسا، ئىككىنچى تۈردىكى كىشىلەر ھەر ئىككى ساھەنى ئۆز يولىدا قىممەتلىك دەپ قارايدۇ. بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تەرەپسىز بولۇش يولىنى تۇتىدۇ. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچىسى بولسا، دىنغا يېقىنراق بىر پوزىتسىيەدە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرگە نىسبەتەن دىن پۈتۈنلەي مەنىسىز ھەمدە بىر ئىنسان ئىجادى دەپ قارالغان بولسا، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرگە نىسبەتەن دىن ئۆز ساھەسىدە پۈتۈنلەي يوللۇق ۋە قىممەتلىك بىر ھادىسە دەپ قارىلىدۇ.
بىلىم بىلەن دىن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تورىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسلۇب شۇكى، دىن بىلەن بىلىم ئوتتۇرىسىدا ئەسلا ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغان پەرقلەر مەۋجۇتتۇر. شۇنداقلا دىن بىلەن بىلىم مۇناسىۋىتىنى پۈتۈنلەي بىر-بىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، دىن بىلەن بىلىم ئوتتۇرىسىدا پەرقلەر بار بولغاندەك، ئۆزئارا يېقىن مۇناسىۋەتلەرمۇ مەۋجۇتتۇر.
ھەممىدىن ئاۋۋال ئىلمىي بىلىم پۈتۈنلەي ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە، دىنى بىلىمنىڭ بولسا، پۈتۈنلەي سۇبيېكتىپ ۋە خىيالىيلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرۈش ھەقىقەتنى تولۇق ئەكس ئەتكۈزمەيدىغان بىر قاراش. چۈنكى، ئىمان بىر سۇبيېكتىپ بىلىمنىڭ مىسالى بولسا، ئىنسانلارنى كائىناتقا يۈزلەندۈرۈش، ئانتروپولوگىيەلىك تەتقىقاتلارغا تەشۋىق قىلىش ۋە بەزىدە ئىنسان بىلەن باشقا جانلىقلارنىڭ بىيولوگىيەلىك يارىتىلىش باسقۇچلىرىغا دىققەتنى بۇراش، بىر خىل تەجرىبي ئىلىمنىڭ تېمىسى بولالايدىغانلىقى ئاشكارا ھەقىقەت. بىلىم پەلسەپەسى ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر، بىلىمنىڭ ئاساسلىق قائىدىلىرى ۋە تەتبىقاتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىزاھلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. يەنى، نۇرغۇن تەرەپلەردىن كۆپلىگەن كىشىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە تايىنىپ بىلىمنىڭ كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشتىكى پەلسەپەۋى تەخمىنلىرى ۋە پەرەزگە ئاساسلانغان خۇلاسىلىرى، كۆپىنچە ھاللاردا گۇمانلىق نەرسىلەر بولۇپ چىقىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىلىم ۋە دىن مەجبۇرىي ھالدا بىرى راتسىيونال، ئىككىنچىسى ئىرراتسىيونال بىر نەرسە بولماستىن، ئورتاق ئاساسقا ئىگە ئىككى نەرسە ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە تەجرىبىۋى بىلىم ئىگىسى بىلەن دىن تەتقىقاتچىسى ئۆزئارا ماسلىشالمايدىغان ۋە بىر-بىرىگە زىت پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانمايدۇ. ئەكسىچە ھەر ئىككىسى كائىناتنى ۋە ئىنساننىڭ كائىناتتىكى ئورنىنى چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ. تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا ھەقىقىي تەڭرى، ئالاھىدە مەۋجۇدىيەت سۈپىتىدە بىر مەنىگە ئىگە سىمۋول ئەمەس. بەلكى ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بارلىق جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەرنى تاكامۇللاشتۇرغۇچى زاتتۇر. روھنىڭ تەڭرىسى بولغاندەك بىلىشنىڭمۇ تەڭرىسىدۇر. بىزگە نىسبەتەن بىلىم بىلەن تېئولوگىيە ئەڭ دەسلەپتە زېھنىمىزدا پىلانلانغانلىقتىن ھەر ئىككىسىنى كەسكىن سىزىقلار بىلەن ئايرىش تۈپتىن خاتا.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا بىلىم بىلەن دىن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بەلگىلەيدىغان ئاساس ئۇقۇم ۋە كۆزقاراش بىر-بىرىگە مەجبۇرىي ھالدا سىڭدۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، ئايرىۋېتىلگەن ئەمەس. بىلىم ۋە دىن ئوخشاش بولمىغان قۇرۇلمىدىكى تېمىلارنىڭ پۈتۈنلەي پەرقلىق پائالىيەت ساھەلىرى بولۇشتىن سىرت، ئوخشاش ئىنساننىڭ مەلۇم بىر غايە ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ پەرقلىق، ئەمما بىر-بىرىدىن تولۇق ئايرىلمايدىغان شاخلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىكى مۇناسىۋەتنى قاتتىق ئەمەس، يۇمشاق، ئىللىق ۋە تەبىئىي پەرقلەر ئاساسىدا چۈشىنىش كېرەك. تېخىمۇ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا بۇ يەردىكى پەرق مۇتلەق پەرق ئەمەس. بەلكى نىسپىيلىككە ئىگە پەرق. قانداقسىگە فىزىكا بىر ئىلىم ساھەسىگە ۋەكىللىك قىلسا، پەلسەپە ۋە پىسخولوگىيەمۇ بىر ئىلىم ساھەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. لېكىن بۇ ئىككى ساھەنىڭ ئىلىمگە قارشى ياكى ئەمەسلىكى ئەقلىمىزگە كەلمەيدۇ. دىن بىلەن ئىلىم مۇناسىۋىتىنى ئەڭ بولمىدى دېگەندىمۇ، مۇشۇ نۇقتىدىن كۆزىتىش لازىم.
مەنبە:
دوتسېنت، دوكتور نۇرئەھمەت قۇرباننىڭ «دىن، ئىنسان ۋە جەمئىيەت» ناملىق كىتابىدىن