تاشقى مۇناسۋەت ژۇرنىلى ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق خەلقئارا مۇناسۋەت ۋە سياسەت ژۇرنىلى بولۇپ، ئامېرىكا ۋە خەلقئارادىكى داڭلىق سياسەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسلەر توپلاشقان ياكى دىققەت قىلىدىغان مەنبەلەردىن بىرى.مەزكۇر ژۇرنال-ختتايغا قارشى قاتتىق قوللار تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان ،ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ كۆپ ماقالە ئىلان قىلغان مىديالاردىن ھسابلىنىدۇ.

بۈگۈن تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقان بولۇپ، تەيۋەندىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ قارىدى.

2020-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» دۇنيا ئاشلىق پروگراممىسىغا بېرىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەنسۇپ بۇ ئورگاننىڭ مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى «توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشتا قورالغا ئايلانغان قەھەتچىلىككە قارشى تۇرغانلىقى» غا باغلانغان. نورۋېگىيە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتىتىنىڭ باياناتىدا قەھەتچىلىكنىڭ ئۇرۇشلارغا ۋە تۈگىمەس توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. باياناتتا ئاچارچىلىقنىڭ كېڭىيىشى بىلەن ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىيىشى ئوتتۇرىسىدا سەۋەپ-نەتىجىلىك مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقى، كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئاچارچىلىقنىڭ تېخىمۇ تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن.

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، شىنجاڭ (ت- شەرقىي تۈركىستان) دىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئاۋاز چىقارغان فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرونغا ئوخشاش، خەلقئارا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قارىتا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارا بايان قىلىشقا باشلىغان دۆلەت باشلىقلىرى بارغانسىرى كۆپەيدى

ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا كىرىپ قالغان تۈركىيەگە نىسبەتەن، بېيجىڭ تەمىنلىگەن غايەت زور مەبلەغ دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭ (ت-شەرقىي تۈركىستان) مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى تۈركىيەگە نىسبەتەن ئەھمىيىتىنى يوقاتتى. «فرانكفورت ئوبزورى» گېزىتى «ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، بېيجىڭنىڭ تۈركىيەگە زور كۆلەمدىكى مەبلەغ سېلىش پىلانى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.

ختتاينىڭ كېيىنكى يەتمىش يىلى مەدەنىيەت، دىن ، ئەخلاق ساھەسدىكى چېكىنىش يىلىدۇر! ئوتتۇز يىللىق ئىسلاھات ختتايغا ئېقتسادى تەرەققىيات بەردى ئەمما ئىنسانى خاراكتىردە ئىغىر يوقىتىش بولدى!ختاي خەلقى ئۆزى ۋە ئىنسانىيەت دۇشمىنىگە ئايلانماسلىقى ئۇچۇن روھى ئىسلاھات ئىلىپ بىرىشى، ئەقىدىگە، ئىنسانىيلىققا قايتشى ، رەزىلىككە قارشى تۇرۇشى كىرەك!