بۈيۈك ئەلچى سەردار كېلېچ :»تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر پۈتۈنلەي توقۇلما»

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتون بۈيۈك ئەلچىسى سەردار كېلېچ ئامېرىكىلىق سەناتورلارغا «ئۇيغۇر تۈركلىرى» ھەققىدە مەكتۇپ ئەۋەتتى

 

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

قاراخانلى

 

2020-5-23

 

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتون بۈيۈك ئەلچىسى سەردار كېلېچ ئامېرىكىلىق سەناتورلارغا «ئۇيغۇر تۈركلىرى» ھەققىدە مەكتۇپ ئەۋەتتى

 

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتون بۈيۈك ئەلچىسى سەردار كېلېچ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى سەناتور جىم رىچ ۋە ماسساچۇست شىتاتى ساناتورى ئىدۋارد ماركىيگە، ئاكسيۇن تور بېتىدە «تۈركىيە ئۆزىگە پاناھلانغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قايتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى» ھەققىدە چىققان خەۋەر مۇناسىۋىتى بىلەن مەكتۇپ يېزىپ جاۋاب بەردى.

 

كېلېچ: «تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر پۈتۈنلەي توقۇلما بولۇپ، رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ» دېدى.

 

ئۇ يەنە: «تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئۆتمۈشى، تۈركىيەنىڭ پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىدە باشتىن – ئاخىرى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ ۋە خىتايدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تۈركىيەدىن چىقىرىۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلەرنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. بۇ خىل ئاساسسىز ۋە يامان مەقسەتلىك خەۋەرلەرگە ئىشىنىش نومۇسسىزلىق » دېدى.

 

تۈركىيەنىڭ قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، ئاساسىي قانۇن ۋە خەلقئارا كېلىشىملەر سەۋەبىدىن ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن كېلېچ: خىتاينىڭ ياكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ قوغلاپ چىقىرىش تەلەپلىرىگە قارىتا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپى ئاساسىدا مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، بىلدۈردى.

 

ئۇ مەكتۇپىدا: «تۈركىيە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، بۇ ھەق – ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلدى» دېدى.

 

ئۇ مەكتۇپىدا : «تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقى ئاساسىدا خاتىرجەملىك، پاراۋانلىق ئىچىدە ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ سەمىمىي ۋە مەسئۇلىيەتچان مۇئامىلە بولۇپ، ھەرقانداق سىياسىي غەم – قايغۇدىن خالىيدۇر. بۇ پوزىتسىيە مەزكۇر سەزگۈر مەسىلىدە خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلماقتا» دېدى.

 

مەنبە:

 

https://www.karar.com/washington-buyukelcisi-serdar-kilictan-abdli-senatorlere-uygur-turkleri-mektubu-1565018

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

رابىيە قادىر : ۋىرۇسلۇق كۈنلەردىكى روزا ھېيتىمىزمۇ مۇبارەك بولسۇن!

شە ماي 23 , 2020
راست گەپنى قىلساق، ۋەتىنىمىز ئىشغال قىلىنغاندىن باشلاپ، بىز ھەقىقىي بىر ھېيت ئۆتكۈزۈپ باقمىدۇق؛ بىزگە ھېيت بولۇپ باقمىدى؛ ئەمما ئۈمىدسىزلىكنى ھارام دەپ بىلىدىغان ئەھلى ئىمان بىر مىللەت بولغىنىمىز ئۈچۈن ھەر قېتىملىق ھېيتتا، ھاياتدىمىزدكى ۋە ئىستىقبالىمىزدىكى پارلاق نۇقتىلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ، كۆڭلىمىزنى ئۆستۈردۇق، بېشىمىزنى تىك تۇتتۇق ۋە خىتايغا سۇنماس روھىمىز بىلەن جەڭ ئېلان قىلدۇق. بۇ ھېيتتىمۇ بۇ " جەڭ"نى داۋام قىلىمىز:

You May Like