تەھرىر: مەنزىل
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ تۇيۇقسىز فاشىزىمغا قاراپ يۈزلىنىشى ۋە بۇنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە يەھۇدى قىرغىنچىلىقىنىڭ سېموۋلى بولغان جازا لاگېرلىرىنى ئېچىپ، مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قاماپ، خورلىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قاراتتى. مەسىلىمىزنىڭ بۇ بۇرۇلۇشىدا نۇقتىلىق رول ئوينىغانلار ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ۋەتەندىكى خىتاي باستۇرۇشىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەر ساھەدىكى قەھرىمان قېرىنداشلىرىمىز، دەردىمىزنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان ئىنسانپەرۋەر غەرب مۇخبىرلىرى، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ دەردىگە ۋاقتىدا دەرمان بولۇۋاتقان غەربلىك ئۇيغۇرشۇناسلاردۇر.
ئېنگىلىزتىلى دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ بۇلتۇردىن بېرى ئېنگىلىزتىلى دۇنياسىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدىن كېيىن، يۈزدىن ئارتۇق فىرانسۇز ۋە گېرمان تىللىق تەتقىقاتچىلار بۇ يازدىن بېرى ھەرىكەتكە كېلىپ، ئارقا-ئارقىدىن فىرانسۇز ۋە نېمىس ئاخباراتلىرىدا كوللىكتىپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، فىرانسۇز دۇنياسى بولۇپمۇ ھۆكۈمەتلەرنى بۇ جىددى ئىنسانى مەسىلىگە دىققەت سۇنۇشقا ۋە خىتاينىڭ غالجىر سىياسىتىنى توسۇشقا دەۋەت قىلدى.
بۇ ھەرىكەتلەر ئىچىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان تەتقىقاتچىلاردىن بىرى بولغان بېلگىيە بىريۇسسىل ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتى خىتايشۇناسلىق بۆلۈمى مەسئۇلى ۋانىسسا فراڭۋىل ئۆز ئۇنىۋېرسىتېتى مەسئۇللىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى ۋە بۈگۈن مەزكۇر ئالى مەكتەپ رەسمى ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋەھشى باستۇرۇشى ۋە لاگېرلىرىغا قارشى ھەرىكەت چاقىرىقى ئېلان قىلدى.
خىتايدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى : «بىريۇسسىل ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان كەسىپداشلارنى قوللايدۇ» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنغان بۇ چاقىرىق خىتايغا قارشى ناھايىتى ئوچۇق ۋە دادىللىق بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللاش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەن تۇنجى ئۇنىۋېرسىتېت رەسمى ھەرىكىتى بولۇپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت پۈتۈن ياۋروپادىكى بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى بۇ ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشۇشقا، ھەقنى ياقىلاشتىن قورقماسلىققا چاقىردى.
بىريۇسسىل ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن چىققان بۇ ھەركەت چاقىرىقى مەكتەپ تور بېتىدە فىرانسۇزچە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئاساسى مەزمۇنى خىتاينىڭ ئىككى يىلدىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشى سىياسىتى ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قامالغان «تەربىيەلەش» لاگېرلىرىنى ئەيىبلەش بىلەن باشلىنىپ پىروفېسسور تاشپولات تىيىپ، خالمۇرات غوپۇرلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنى تۇتقا قىلغان ھالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ۋە تۆۋەندىكى ئابزاس بىلەن چاقىرىقنى ئاخىرلاشتۇرغان :
«بىريۇسسىل ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتى بارلىق جاھالەت ۋە ئوخشىمىغان تۈردىكى ھاكىممۇتلەقچىلىكنى ئەيىپلەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاكادىمىيە ئەركىنلىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قوللاش ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بىريۇسسىل ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتى بېلگىيە ۋە ياۋروپادىكى بارلىق ئۇنىۋېرستېتلارنى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر كەسىپداشلار دۇچار بولۇۋاتقان ھالەتنى ئوچۇق تەنقىدلەشكە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە باشقا مەكتەپلەرگە باغلىق بولغان كەسىپداشلارنىڭ غايىپ بولۇشىغا دائىر ئۇچۇر-خەۋەرلەرنى كەڭ دائىرىدە تارقىتىشقا چاقىرىدۇ. خىتاينىڭ خاتىرجەم ھالدا بۇ قەدەر كۆپ ساندىكى كەسىپداشلىرىمىزنى تۇتۇشىغا دەل مۇشۇ سۈكۈت داغدام يول ئېچىپ بەردى. دەل شۇ سەۋەپتىن، بىريۇسسىل ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆز قىممەت قارىشى بولغان بىلىم ۋە ئىلمىي ئەركىنلىك ۋە تەپەككۇر ئەركىنلىكى، شۇنداقلا ئىنسانى ھوقۇق نامىدا بۇ ئەركىنلىكنى بوغىدىغان ھەرقانداق سىياسى ھوقۇق مەجبۇرى تاڭىدىغان ئىدىئولوگىيەلىك رامكىدىن چىقىشقا ۋە بۇ سۈكۈتنى بۇزۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. »
بىريۇسسىل ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ ھەرىكەت چاقىرىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى يوقىتىش جىنايىتىنى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياپ سىلىقلاپ كۆرسىتىشكە كۈچەۋاتقان ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇنيانىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلىدىغان بېقىنما دۆلەتلەرنى سېتىۋىلىش ئارقىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان، ھەتتا دۇنيادىكى تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك بولغان نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئاكادىمىيە ژورناللىرىنى سېتىۋىلىپ، ئۆزىگە قارشى ھەرقانداق تەنقىدنى يۇتقۇزىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ناھايىتى دادىللىق بىلەن ياۋروپادىكى بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى بۇ ھەرىكەتكە قوشۇلۇشقا دەۋەت قىلدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنسايىن دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىۋاتقان بولسىمۇ، نۇرغۇن ئۇيغۇرشۇناس، خىتايشۇناس تەتقىقاتچىلار ھەقنى قوغداپ، زالىمغا قارشى قەلەم كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئاپاراتلىرىغا تەۋە بولغان ئۇنىۋېرسىتېتلار ھازىرغىچە بىر رەسمىي قاراش ئېلان قىلمىغان ۋە ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلگەن. بىريۇسسىل ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ ھەرىكەت چاقىرىقى ئۇلارنى ئوچۇق بىر مەيداندا بولۇشقا مەجبۇرلايدۇ، شۇنداقلا خىتايغا قارشى ئومۇمىي بىر ئاكادېمىك لىنىيەنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، بۇ ھەرىكەت چاقىرىقى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سەل قارىغىلى بولمايدىغان مۇھىم بىر باسقۇچ ھېساپلىنىدۇ.