بېلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى

بۈگۈن ئەتىگەندە بېلگىيەنىڭ سونې شەھرىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى

 ھەبىبۇللا ئىزچى
 
 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 6-ماي

بۈگۈن ئەتىگەندە بېلگىيەنىڭ سونېي شەھىرىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

پائالىيەتنى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، سونېي شەھىرىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن. پائالىيەتكە بېلگىيەدىكى ئانتېننەسەنتېر تېلېۋىزىيەسى، دېرنېر خوۋرەس گېزىتى، ۋە باشقا گېزىت مۇخبىرلىرى قاتناشقان.

پائالىيەتنىڭ تېمىسى «ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن گۇۋاھچى بولايلى دېگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان».

پائالىيەتتە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللام ئىمەروۋ ئۇيغۇرلارنىڭ باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تراگېدىيەلىك تەقدىرى، ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىدىن خەۋەردار ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇخبىرلارغا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە بەرگەن بولۇپ ،بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ كۈچلۈك ھېسداشلىقىنى قوزغىغان. پائالىيەت باشتىن ئاخىر ھاياجانلىق بىر كەيپىياتتا داۋاملاشقان.

بۇ ھەقتە ئانتېننە سەنتېر تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى م. ماتون : بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئابدۇللام بۇ يىغىلىشتا ،ئۇيغۇرلارنىڭ باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تەقدىرىدىن خەۋەر تاپقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئىدى. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان گۇۋاھلىق بېرىش،پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە بىر مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە تارىخ بېتىگە يېزىلغان سەھىپە ئىدى. بۇ ئىنسانىيەتنىڭ بۇ قايغۇ ۋە تېراگىدىيەنى ئېسىدە ساقلاش،تارىختىن ساۋاق ئېلىش ۋە ئىنسانى بۇرچىنى ئادا قىلىشنىڭ پەيتى ئىدى ،دەيدۇ.

ئابدۇللا ئىمەروۋ ئەپەندىم زىيارىتىمىز قوبۇل قىلىپ شۇنداق دەيدۇ:  بۇ يىغىنغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتناشقانلىقىنى، بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار ۋە بېلگىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان  ئوقۇغۇچىلارنىڭ  كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ پائالىيەت جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا،ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى،خىتاينىڭ سىياسىتى،ئۇيغۇرلارنىڭ كىم ئىكەنلىكى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغاندىن بۇيانغا توختىماي ھەر خىل شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەققىدە تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە 1949- يىلى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىدىن كېيىنكى قىرغىنچىلىق، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ھازىرقى كەلگەن نۇقتىسى ۋە جازا لاگېرلىرى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن.

پائالىيەتتە يەنە لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ ۋېدىئولۇق گۇۋاھلىقى تونۇشتۇرۇلۇپ، قەلبىنۇر خانىمنىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇ يەردىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيىن –قىستاقلار، لاگېر ۋە تۈرمىلەردىكى ئىنسانلارنىڭ دۇچ كېلىدىغان تەقدىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە قارىتىلغان قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، ئاخىرىدا خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئېلىۋالىدىغانلىقىنى ،ھالال ئورگان تىجارىتى ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان قىلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ  ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەتراپلىق تونۇشتۇرغان.

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

دوپپا بايرىمى كۈنىدە بېنگالدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

جۈ ماي 6 , 2022
دوپپا بايرىمى كۈنىدە بېنگالدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

You May Like