BBC: ختتاينىڭ «شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى»ا قايتا تەربىيىلەش مەركىزى تىلغا ئېلىنمىدى

خىتاي 25-، 26- سىنتەبىر مەركەزنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى. ھالبۇكى، خەلقئارا دىققەت قىلىۋاتقان شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ئاشكارا تىلغا ئالمىدى.

برىتانىيە رادىئو شىركىتى، 2020-09-29
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-09-30

 

خىتاي 25-، 26- سىنتەبىر مەركەزنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى. ھالبۇكى، خەلقئارا دىققەت قىلىۋاتقان شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ئاشكارا تىلغا ئالمىدى.

 

تاشقى دۇنيا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) دا تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى دەپ گۇمان قىلىنغان نەچچە يۈزلىگەن ئېگىز تاملىق قۇرۇلۇشلارنى سالغانلىقىنى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارادا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇسۇلمانلارنى «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە قامىغانلىقىنى ئەيىبلەيدىغان جامائەت پىكىرلىرى بارغانسىرى كۆپىيىۋاتماقتا. ئەمما، ئانالىزلاردىن قارىغاندا، سۆھبەت يىغىنىنىڭ مەزمۇنى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) سىياسىتىنى ئازراقمۇ بوشاشتۇرۇش ئالامەتلىرىنىڭ يوقلىقىنى ئەكىس ئەتتۈردى.

 

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى (Astralian Strategic Policy Institute) مۇشۇ ئاينىڭ 24- كۈنى بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) دا قاماش ئورۇنلىرى دەپ گۇمان قىلىنغان، نەچچە يۈزلىگەن ئېگىز تاملىق قۇرۇلۇشلارنى سالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاراتقۇلارنىڭ دوكلاتلىرىدا، 2017- يىلىدىن تارتىپ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) دا نەچچە مىڭلىغان مەسچىت، مازار ۋە باشقا ئىسلامىي ئورۇنلارنىڭ چېقىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ئەيىبلەشلەرگە «ئىغۋا توقۇپ، بوھتان چاپلاش» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.

 

مەنبە: https://www.bbc.com/zhongwen/simp/chinese-news-54323272

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

پومپىئو ئىتالىيەنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىدىن ئاگاھلاندۇردى

چا سېنتەبىر 30 , 2020
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو ئىتالىيەنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىگە دىققەت قىلىش، خىتاينىڭ ئىتالىيە كۆچمە تورىغا شەكىللەندۈرگەن دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

You May Like