خىتاي سابىق رەئىسى جىياڭ زېمىن ئۆلگەن

خىتاي سابىق رەئىسى جىياڭ زېمىن ئۆلگەن

 خىتاي سابىق رەئىسى جىياڭ زېمىن ئۆلگەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى30-نويابىر

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان تاراتقۇسى بولغان «شىنخۇا» تورىنىڭ بۈگۈنكى بەرگەن ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، خىتاي سابىق رەئىسى جىياڭ زېمىن 30-نويابىر شاڭخەيدە 96 يېشىدا ئۆلگەن.

جىياڭ 1926-يىلى شاڭخەيدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1989-يىلى تىەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدا ئاكتىپ خىزمەت كۆرسىتىپ خىتاينىڭ باش سېكرېتارلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇ 1990-يىلى خىتاي دۆلەتلىك ھەربىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا، 1993-يىلى دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇتلەق رەھبىرى بولۇپ 15 يىل ھوقۇق تۇتقان.

جاللات جىياڭ زېمىننىڭ قولى سانسىزلىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان بولۇپ، ئۇ ھوقۇق يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە بارىن قىرغىنچىلىقى (1990)، غۇلجا قىرغىنچىلىقى (1997)، ۋە بىر قانچە قېتىملىق ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان چوڭ تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.

ئىلگىرى چەتئەللەردىكى خىتايلار ئارىسىدا جىياڭ نىڭ ئۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بىر قانچە قېتىم تارالغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەن. بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دەلىللىنىپ ئېلان قىلىنغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شاڭخەيدە دائىرىلەر خەلقىنىڭ تېلېفونىنى تەكشۈرۈش باشلاندى

چا نويابىر 30 , 2022
شاڭخەيدە دائىرىلەر خەلقىنىڭ تېلېفونىنى تەكشۈرۈش باشلاندى

You May Like