ئامېرىكىدا يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار سىياسىي پاناھلىق سۆھبىتى ئۈچۈن 5-6يىلدىن بىرى ساقلاپ كەلمەكتە

2020-يىلى ئامېرىكا بىرمۇ ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلمىغان

 ئامېرىكىدا يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار سىياسىي پاناھلىق  سۆھبىتى ئۈچۈن 5-6يىلدىن بىرى ساقلاپ كەلمەكتە

2020-يىلى ئامېرىكا بىرمۇ  ئۇيغۇرنى  قوبۇل قىلمىغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 9- نويابىر

تۇرغۇنجان

دەۋر ھەپتىلىكى، ئەلچى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: 2020-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرمۇ ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىش رەسمىيىتى بەرمىگەن. 

ئامېرىكا ئاۋازى تۈنۈگۈن: « ئۇيغۇرلار چەتئەللەردە (ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدە ) ئۆزلىرىنى  تاشلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلماقتا» دېگەن سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلغان؛

ئامېرىكىدا يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار 5-6 يىلدىن بىرى سىياسىي پاناھلىق ئۈچۈن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش (interview) نى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ كۆرۈشۈش پەقەت شۇ شەخسنىڭ سىياسىي پاناھلىقى قوبۇل بولۇش ياكى بولماسلىقى ھەققىدىكى سۆھبەت زىيارىتى بولۇپ، ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ سۆھبەتنى 5 يىلدىن بىرى ساقلاۋاتقانلار نەچچە يۈزدىن ئاشىدۇ، بۇ سۆھبەت-زىيارەتتىن كېيىنمۇ قوبۇل بولغان -بولمىغانلىق چاقىرىقىنى ساقلاش جەريانى 3-4 يىلدىن ئاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى يۈزدىن ئاشىدۇ.  

ئۆتكەن ئايدا سالىھ خۇدايار باشچىلىقىدىكى شەرقى تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىقى ھەل بولمىغان يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئارلىڭتون كۆچمەنلەر مەركىزى ئىدارىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان.

بۇرۇن سىياسىي پاناھلىقى ھەل بولۇپ بولغانلار بولسا بۇ خۇددى يوق ئىشتەك، مۇھىم ئەمەستەك ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل رەسمىيەتلەرنىڭ ھەل بولماسلىقى،كىشىنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، كۈندىلىك تۇرمۇش ھەتتا كەيپىياتىغا قەدەر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئىنگلىزچە قانىلى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ۋە تەشۋىقات ماتېرىيالى ئىشلىدى. باشقا قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ مەسىلىسى ھەل بولسۇن دېسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ! 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئۇيغۇر تايمىز ؛

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ئامېرىكا كۈرەشچى پاراخوتلىرىنىڭ مودېللىرىنى ياساپ مانېۋىر ئېلىپ بارماقتا

سە نويابىر 9 , 2021
خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ئامېرىكا كۈرەشچى پاراخوتلىرىنىڭ مودېللىرىنى ياساپ مانېۋىر ئېلىپ بارماقتا

You May Like