ئامېرىكىدىكى سياسى پاناھلىقى ھەل بولمىغان ئۇيغۇرلار سۆھبەت يېغىنى ئ‍ۆتكۈزمەكچى

ئەسكەرتىش:

مەزكۇر يازما-مۇشۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن كوللىكتىپ تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدا ئۆز پىتى ئىلان قىلىش ئىلتىماس قىلىنغان.

ئەسكەرتىش:

مەزكۇر يازما-مۇشۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن كوللىكتىپ تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدا ئۆز پىتى ئىلان قىلىش ئىلتىماس قىلىنغان.

 ئامېرىكىدىكى سىياسىي پاناھلىقى ھەل بولمىغان ئۇيغۇرلار سۆھبەت يېغىنى ئۆتكۈزمەكچى

سىياسىي پاناھلىقى ھەل بولمىغانلار گۇرۇپپىسى

ئەسكەرتىش:

مەزكۇر يازما، مۇشۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن كوللېكتىپ تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدا ئۆز پىتى ئېلان قىلىش ئىلتىماس قىلىنغان.

ئارقا كۆرۈنۈش:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋىرجىنىيە ئەتراپىدىكى قېرىنداشلار، كۆپچىلىكىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان كۆپ سانلىقىمىز سىياسىي پاناھلىق تىلەش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ يېشىل كارتىسى ياكى گىراژدانلىقىغا ئېرىشكەن، ھازىر ئامېرىكىدا بىزنىڭ بىلىشىمىزچە،  نەچچە مىڭ قېرىندىشىمىز قىسقىسى ئۈچ يىل ئۇزۇنراقى 10 يىل ساقلاپمۇ پاناھلىق ئىشلىرى كۆرۈشۈشنى ساقلاۋاتىدۇ. كۆرۈشۈشتىن كىيىن جاۋاب بەرمەي ساقلاۋاتقىلى نەچچە يىل بولغانلار بار، شۇنداقلا كۆرۈشۈشتىن ئۆتكۈزمەي سوتقا يوللاپ ئۈچ يىلدىن 15 يىلغىچە نەتىجىسىنى ساقلاۋاتقانلار بار.

كۆرۈشۈشنى ساقلاش جەريانىدا يېشىل كارتا ياكى پاسپورت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەرخىل روھى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت. 

مەسىلەن: خىزمەت كىنىشكىسى چىقماسلىق، ياكى ۋاقتىدا چىقماسلىق خىزمەتتىن قالدۇرۇلۇش، بالىلارنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇشى ئۈچۈن ئوقۇش پۇلىنىڭ كەچۈرۈلمەسلىك ۋە ئۇقۇش پۇلىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، سۇغۇرتىغا قوبۇل قىلىنماسلىق،  يۇقىرى تېخنىكىلىق كومپيۇتېر خىزمەتلىرى ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتلىرى چوقۇم يېشىل كارتا ياكى گىراژدانلىق تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن خىزمەت تېپىشنىڭ تەس بولۇشى، باشقا دۆلەتلەردە قالغان جورە ۋە بالىلىرىدىن  ئۇزۇن يىل ئايرىلىپ كېتىشى، ئامېرىكىدىن باشقا جايغا چىقالماسلىق ۋە بۇنىڭدىن باشقا شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان قاتتىق روھىي بېسىم، باشقا ئىقتىسادىي چىقىملار ئامېرىكىدىكى ئاشۇ ئۇيغۇرلىرىمىز ئۈچۈن ئېغىر مەسىلە بولماقتا. 

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنى ئامېرىكا ئېتىراپ قىلغان، ئۇيغۇر قانۇنى ماقۇللانغان مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ 2020-2021 يىللىرىدا بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئېرىشەلمەسلىكى مېدىيالارغا ئېلان قىلىنماقتا، بۇ ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ بىر سەت ئىش.

سىياسىي پاناھلىقى ھەل بولمىغان قېرىنداشلار بىرلىشىپ ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئادۋوكاتنىڭ يول كۆرسىتىشى ئارقىلىق :ئادۋوكات ئارقىلىق سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىنى تېزلىتىش، پاناھلىق ئىشخانىسىغا توختىماي خەت يېزىش، ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق رايوندىكى سېناتور (كېڭەش پالاتا ئەزاسى ) ياكى كونگىرەسمەن (ئاۋام پالاتا ئەزاسى )لارغا خەت يېزىپ ياردەم تەلەپ قىلىش، ئىشخانا بىناسى ئالدىدا تىنچ نامايىشى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ماتېرىياللىرىنى بىۋاسىتە ئىشخانىغا تاپشۇرۇش ئارقىلىق، مۇھىمى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن نەچچە ئونلىغان قېرىنداشلىرىمىزنى كۆرۈشۈشكە چاقىرتىلدى، ھەتتاكى بىر قېتىملىق نامايىشقا كەلگەن ھەممە ئائىلىنى كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مەسىلە پەقەت چاقىرتىشلا بولماستىن جاۋابىنى تېز بېرىش ھەم ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش. كۆرۈشۈشكە  چاقىرىپ بولغاندىن كېيىنمۇ، قىسقىسى 5-6 ئاي، ئۇزۇن بولغاندا 3-4 يىل ،ھەتتا 10 يىللاپ ساقلاۋاتقانلار بار.

پائالىيەت:

بىر مەيدان مۇزاكىرە پائالىيىتى ئىلىپ بېرىلىدۇ:

شۇڭا مەزكۇر  مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى بارلىق تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ( ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكا ئىشخانىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان ئويغىنىش ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى،  ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى،  بوستون ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ھەرقايسى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمەتلەر، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئامېرىكا شۆبىسى، ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى، مەشرەپ گۇرۇپپىسى) ۋە  ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى قىلالايدىغان دائىرىدە كۈچ چىقىرىشى، قانۇن تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئورۇنلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ يەھۇدىيلار قاتارلىقلار ۋە باشقا قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان كىشىلەرگە ئوخشاش ئالاھىدە ئىمتىياز ئۈچۈن قانۇن ۋە تۈزۈملەرنى چىقىرىشى ۋە ئىجرا قىلىنىش، باشقا دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئېلىپ كەلگىلى بولىدىغان لاتارىيە يېشىل كارتا تۈزۈمىنى ئۇيغۇرلارغىمۇ قىلىشى،  ئامېرىكىنىڭ تۇرۇش يېشىل كارتىسى ياكى پاسپورتى بار شەخىسلەرنىڭمۇ ئالغاننىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن بولسىمۇ تەڭ كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمىز، ۋەتەندىكىلەر ئۈچۈن ھەرىكىتىمىز ئۈزۈلمىسۇن، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇپ تېخى قۇتۇلدۇرۇپ بولالمىدۇق، يېنىمىزدىكىلەرگە بولسىمۇ ياردەم قىلايلى!!! بىزنىڭ دەردىمىزنى چۈشىنىڭلار.

بۇ پائالىيەت ھېچقانداق بىر تەشكىلات ۋە شەخسكە تەۋە ئەمەس، پاناھلىقى ھەل بولمايۋاتقانلار بىرلىشىپ قىلىۋاتقان ھەرىكەت. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىپ داڭلىق ئەربابلارنى، مېدىيالارنى ئېلىپ كېلىشىڭلارنى،  پائالىيەت 

ئورۇنلاشتۇرغان پاناھلىق ئىشلىرى ھەل بولمىغانلار گۇرۇپپىسى بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى سورايمىز.

ۋاقتى:  2022-يىلى،22-يانۋار، سائەت 10:00دىن 12:00 غىچە

ئورنى:

City of Fairfax, Regional Library, Meeting Room,A & B 

Uyghur Reporter

Next Post

شىۋىتسارىيە دۆلەت تېلېۋېزىيەسى س ر ف نىڭ بىرىنچى قانىلىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسى ئۆتكۈزدى.

يە يانۋار 16 , 2022
شىۋىتسارىيە دۆلەت تېلېۋېزىيەسى س ر ف نىڭ بىرىنچى قانىلىدا 15 -يانۋار شەنبە كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ دۈچ كېلىۋاتقان ئازاپ-ئۇقۇبەتلىرى ۋە شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت پراگراممىسى ئۆتكۈزدى. س ر ف شىۋېتسارىيە دۆلەت تېلېۋېزىيەسى بولۇپ ھەپتە ئاخىرىدىكى بۇ پروگراممىنىڭ كۆرۈلۈش نىسپىتى ئەڭ يوقۇرى بىر پراگرامما.

You May Like