ئ‍امېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلاردىن ئېلىنىدىغان پولات-ئاليۇمىن تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىدۇ

امېرىكا ئاقسارىيى 30-ئاپرېل زۇڭتۇڭ ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا، مېكسىكا، ئارگېنتىنا، ئاۋسترالىيە، بىرازىلىيە قاتارلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن ئېلىنىدىغان پولات-ئاليۇمىن تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، ئالاقىدار سۆھبەت ئۈچۈن داۋاملىق ۋاقىت قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاقساراي شۇ كۈنى باياناتتا مۇنداق دېدى: تىرامپ ھۆكۈمىتى بۇ ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن بولغان بارلىق سۆھبەتتە نورما ئارقىلىق ئىمپورتقا چەك قويۇش، يۆتكەپ توشۇشنى توسۇش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.

تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ پولات ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن يۇقىرى تاموژنا بېجى ئېلىش قارارى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەدبىرى كۆپ تەرەپلەرنىڭ سودا مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، قائىدىنى ئاساس قىلىدىغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ مۇقىملىقىغىمۇ تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئىسرائىلىيە: ئىران يادرو قورالىنى مەخپىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ئالدىدى

سە ماي 1 , 2018
ئىسرائىلىيە باش مېنستىرى نېيتانياخۇ 1-ماي سەھەردە ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتابىدا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە تېلېۋىزىيە سۆزى قىلدى.

You May Like