خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى ئېلان قىلىندى

خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى ئېلان قىلىندى

 خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى ئېلان قىلىندى 

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 15-مارت

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 13-مارت ئېلان قىلغان 2024-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوت پىلانى 842 مىليارد دوللارغا يېتىپ بۇ جەھەتتە ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى Kathleen Hicks خانىم مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە تەكىتلەپ، بۇ قەدەر يۇقىرى سوممىلىق مالىيە خامچوتىنى ئاجرىتىشتىكى ئاساسلىق مەقسەت بېيجىڭدىن كېلىۋاتقان خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىرگە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەجەللىك، ئەڭ ھەرىكەتچان ۋە ئەڭ سەزگۈر بولغان بىرلەشمە جەڭ قىلىش قىسىملىرىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دەپ ئەسكەرتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مالىيە خامچوتى ئىچىدىكى 306 مىليارد دوللار مەخسۇس راكېتا ۋە ئوق دورا ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان  بولۇپ، ئاساسلىقى قىتئەلەر ئارا ئۇزاق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان راكېتا بومبىسى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا فىلىپپىن ھەمكارلىقىدا ئەڭ زور كۆلەمدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلمەكچى

چا مارت 15 , 2023
ئامېرىكا فىلىپپىن ھەمكارلىقىدا ئەڭ زور كۆلەمدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلمەكچى

You May Like