ئامېرىكا فىلىپپىن ھەمكارلىقىدا ئەڭ زور كۆلەمدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلمەكچى

ئامېرىكا فىلىپپىن ھەمكارلىقىدا ئەڭ زور كۆلەمدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلمەكچى

ئامېرىكا فىلىپپىن ھەمكارلىقىدا ئەڭ زور كۆلەمدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلمەكچى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 15-مارت

فىلىپپىن ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ 14-مارت بەرگەن باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ ھەمكارلىقىدا «مۈرىنى مۈرىگە تىرەش» نامىدىكى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان.

مەزكۇر مانېۋىرغا 12 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى، 5مىڭ فىلىپپىن ئەسكىرى ۋە 111 ئاۋسترالىيە ئەسكىرى قاتنىشىش پىلانلانغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مانېۋىر نۆۋەتتىكى جەنۇبىي دېڭىز تەۋەسىدىكى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرى ئىزچىل زومىگەرلىك بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ تۇرۇۋاتقان فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل فېۋرالدا خىتاينىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان فىلىپپىن دېڭىز قوغداش ئەترىتىنىڭ كېمىلىرىگە قارىتا لازېر نۇرى يېقىپ ئىغۋاگەرچىلىك تۇغدۇرغان. ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن دائىرىلىرى بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىق باياناتلىرىنى ئېلان قىلغان، ئەمما خىتاي تەرەپ بۇ قىلمىشىدىن تېنىۋالغان. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ماركو رۇبىيو پات يېقىندا كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

چا مارت 15 , 2023
ماركو رۇبىيو پات يېقىندا كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

You May Like